دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايىتىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 13 مىليارد 594 مىليون يۈەنگە يەتتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:47:03

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋىلايەتنىڭ بەش چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىشقا كۈچەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «زاپاس مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئازايتىش مىقدارىنى تىزگىنلەش» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 13 مىليارد 594 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «زاپاس مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش»قا ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ھازىر بار بولغان كۆلەمدىن يۇقىرى 313 سانائەت كارخانىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئالتە چوڭ نۇقتىلىق كەسىپ ۋە 60 نۇقتىلىق كارخانىغا بولغان كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن كارخانا ۋە كۆلەمدىن چېكىنىش خەۋپى بار كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

«زاپاس مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش»تا، ۋىلايەت ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، بولۇپمۇ مۇھىم ئامىلغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا «كۆمۈر، ماي، توك، گاز توشۇش» قاتارلىق نۇقتىلىق مۇھىم ئامىلنى ماسلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ كۆمۈر، توك، گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماددىي ئەشيا توشۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى، 1 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى خام نېفىت، تەبىئىي گاز، سېمونت، كوكس، كىيىم ـ كېچەك، رەخت، يىپ قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسەن ئېشىش ئىشقا ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش