دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى
تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:45:46

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يېقىندا، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئاممىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىپ، دىققەتنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى يۇقىرى كۆلداش كەنتىدىكى دېھقان خەينىسا ئەنەيتۇللا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كالىمىزنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېقىشىغا بەرگەن ئىدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك كۈچى ئازاد بولۇپلا قالماي، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا ئايرىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزدە يولغا قويۇلغان «چوڭ جەھەتتە ھەمكارلىشىش، كىچىك جەھەتتە ئائىلىلەر بىرلىشىش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ پايدىسى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى كۆلداش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، «چوڭ جەھەتتە ھەمكارلىشىش، كىچىك جەھەتتە ئائىلىلەر بىرلىشىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق «ليەنفۇ دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەتكە ماھىر، باشقۇرالايدىغان دېھقانلار باشلامچى بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بىرتۇتاش بېقىپ، بىرتۇتاش سېتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شايار ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى كۆلداش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى ئەخمەت ئابدۇل مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا قىلىشقا يېتەكلەشنى پىلانلاۋاتىمىز، دېھقانلارنىڭ 500 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۆلچەرلىدۇق.

يېقىندا، شىنجاڭ شيېيى توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كۇچا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە «ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كارخانىغا رىشتە باغلىغان، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لەۋھە ۋە بىر پارچە مىننەتدارلىق خېتى ئېلىپ كېلىپ، كۇچا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كارخانىلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىق كەسىپ ئىشچىلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە «نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئۈچنى كۈچەيتىش»كە مەركەزلەشتۈرۈش، «ئۈچتە دەل جايىدا بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈش، «ئۈچ تۈرلۈك مۇلازىمەت»نى چىڭ تۇتۇش، «بىر قوشۇن» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت «3331» خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جىپسىلاشتۇرۇش، ئالاقە باغلاشتا يوچۇق قالماسلىق، خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى توسالغۇغا ئۇچرىماسلىق، بازار يۈرۈشۈشى ھاياتىي كۈچكە تولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالماسلىقتەك ياخشى خىزمەت ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ياراتتى. «كەسىپ ئىشچىلىرىنى زاپاس تەربىيەلەش» قاتارلىق ئەندىزە ئارقىلىق، كارخانىلارغا قىس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى؛ «نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش»تەك ئائىلە خىزمەتچىسى شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئارقىلىق كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنداقلا، تەۋەلىكتىكى كارخانا بايلىقىنى پائال بىرلەشتۈرۈپ، «توردا + تور سىرتىدا» قاتارلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ تۈرلۈك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋېيشىن سۇپىسى، ۋېيشىن توپى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، كارخانىلاردىكى بوش ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا ياخشى ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانا ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ھەم ماختىشىغا ئېرىشتى.

ۋىلايەتلىك يېشىل ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى دىققەتنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، ئاساسلىق كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، بىر ئاكسىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئونسۇ ناھىيەسى ئارال بازىرىنىڭ گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بويىچە تەربىيەلەش تەجرىبە مەركىزى، دېزىنفېكسىيە ئۆيى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ۋە ئالاقىدار قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، جەمئىي 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى؛ شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ غەملىشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك كېپىل بولۇش ئارقىلىق كارخانىلارغا 367 مىليون يۈەن قەرز بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا پۇل ـ مۇئامىلە «ئېقىن سۈيى» قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش