دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى
چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچەيتىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:44:21

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ 23 ـ قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ تەلىپىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، پاكلىق پارتىيە دەرسى تەسىس قىلىش، بىلىمىنى سىناش، تەسىرات يېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لياڭ فېڭيۈەن، ئەنۋەر مۆمىن، تۇرغۇن ئابلا سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەم تۇرۇشلۇق كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشىنى باشلاپ، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى كوللېكتىپ قوبۇل قىلدى.

«تارىخنىڭ سوئالى» ناملىق سىنلىق تام ئالدىدا، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ فېڭيۈەن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى ئىدىيە ـ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي تىپ تەربىيەسىدىن تەجرىبە ـ ساۋاق قوبۇل قىلىپ، ئەيمىنىشنى بىلىپ، ئۆزىنى تارتىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قانۇن ئېڭىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە ـ ئەخلاق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ۋىلايىتىمىز سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى كەيپىياتى، يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىكتە «پاكلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك ـ تەلەپچانلىق مىزانى»نى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، «100 پارتىيە تارىخى دەرسى . پارتىيە تارىخىدىكى ئىنتىزام» تېمىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پاكلىق سالام خېتىنى ھەمبەھرىلەش، پارتىيەلىك كادىرلار پاكلىق ھەققىدە كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىش، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى قايتا تەربىيەلەپ، قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ، بېسىم چۈشۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى «ئەيمىنىش قەلبىنى ساقلاپ، قانۇن ـ ئىنتىزام تايىقىنى مەھكەم تۇتۇش» تېمىسىدا، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنداقلا سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى. بۇ مەسئۇل رەھبەر مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، ئىش ئورنى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نام ـ مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، تەلەپچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پاك ـ دۇرۇس بولۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن سەھىيە ۋە ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ـ نىزاملارنى سۆزلەپ، مىسال كەلتۈرۈپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئارقىدىن، كۆپچىلىك يەنە ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسىگە ئائىت «بەدەل» ناملىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ تەسىرات يېزىپ ھەم پارتىيە ياچېيكىسى ئۆگىنىشىدە تونۇشىنى، تەسىراتىنى سۆزلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ، پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسى قوبۇل قىلدى. پارتىيەلىك كادىرلار بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ قېتىملىق ئىبرەت تەربىيەسى ئارقىلىق، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»تەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىمىز ھەقىقىي كۈچەيدى، دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ئەيمىنىشنى بىلىپ، ئۆزىمىزنى تارتىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش