دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوندىن پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئاقسۇدا ئېكسكۇرسىيە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:42:58

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوندىن پېنسىيەگە چىققان 42 كادىر ئاقسۇغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولدى، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ۋىلايىتىمىزنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى، كۈچ قوشتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جۇ لىنسېن بىللە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كۆزدىن كەچۈردى.

كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى، كۆكيار خاتىرە سارىيى، ئونسۇ ناھىيەلىك شياڭيۈەن چارۋا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاش، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، پېشقەدەم كادىرلار ماڭغاچ كۆرۈپ، ئاڭلىغاچ مۇلاھىزە قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، سۈرەت بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي بۇيۇمنى نامايان قىلىش، پىرويىكسىيەدە قايتا نامايان قىلىش، تەقلىد قىلىش، ئۆزئارا ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىلدىكى كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئارقىلىق، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاقسۇ خەلقىنىڭ 30 نەچچە يىل كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش ئىرادىسى ۋە تامچە سۇ ئارقىلىق تاشنى تېشىش شىجائىتى بىلەن، چۆل ـ جەزىرىنى ياپيېشىل چەكسىز ئورمانغا ئايلاندۇرغانلىقىدەك ئاجايىپ مۆجىزىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ ۋېيشەن 1986 ـ يىلىدىن 2020 ـ يىلىغىچە بولغان ئاقسۇ كۆكيار قاقاسلىقىنى كۆكەرتىش سۈنئىي ھەمراھلىق يىراقتىن سېزىش خەرىتىسىدە پارچە ـ پارچە نۇقتىلارنىڭ تۇتۇشۇپ يېشىل رايوننى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن كۆكيارنىڭ نەچچە 10 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم. ئاقسۇ خەلقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قاقاسلىقتا مىليون مو يېشىللىقنى بەرپا قىپتۇ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن. پېشقەدەم يولداش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي خسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلاپ، كۆكيار روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، پېنسىيەگە چىقساممۇ رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلساممۇ پارتىيەدىن ئايرىلماي، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاخىرقى قىزغىنلىقىمنى جارى قىلدۇرىمەن.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۆكيار يولىدا ماڭغاندا، قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان مېۋىلىك دەرەخ، ئورمانلارنى، بەس ـ بەستە سايراۋاتقان قۇشلارنى، خۇش پۇراق چېچىۋاتقان گۈللەرنى كۆرگىلى بولاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر مۇختەر مەخسۇت پات ـ پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى. مۇختەر مەخسۇت مۇنداق دېدى: كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى نۇرغۇن دېھقاننى مېۋىلىك دەرەخ تىكىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر ـ بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان يولدا مېڭىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇ چيەن مۇنداق دېدى: يول بويى ماڭغاچ، ھازىرقى ئاقسۇنىڭ مۇھىتىنىڭ گۈزەل، دېھقانلىرىنىڭ باي، ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەن ئاقسۇ خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك قورقماس روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، مەن بۇرچۇمنى داۋاملىق ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىمەن.

پېنسىيەگە چىققان كادىرلار بىردەك مۇنداق دېدى: ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، غايە ـ ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش