دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدە 15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:41:43

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «مائارىپ تارماقلىرى تەشكىللەش، سەھىيە ـ ساغلاملىق تارماقلىرى ۋاكسىنا ئەملەش» پىرىنسىپى بويىچە، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ۋىلايەت 15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ 1 ـ ئوكۇلىنى ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، بۇ ۋاكسىنا ئىككى قېتىم ئوكۇل ئۇرۇپ ئەملىنىدىغان ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملىگەندە ئاتا ـ ئانىلار پۈتۈن جەرياندا ھەمراھ بولۇشى لازىم.

شۇ كۈنى، مۇخبىر بىڭتۇەن 1 ـ شى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1 ـ قەۋىتىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدا، نۇرغۇن قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋاكسىنا ئەملىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەييارلىق خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى. سىكاننېرلاپ تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ئۇچۇر تىزىملاش، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسى ئىمزالاش، ۋاكسىنا ئەملەشتىن تارتىپ كۆزىتىش ئاخىرلاشقىچە بولغان ھەربىر ھالقا قېلىپلىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشتە «كۆچمە ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى+ مۇقىم ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى» شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە مەكتەپنىڭ ئورنى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم مەكتەپلەردە كۆچمە ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، بۇ رايوندىكى يېشى ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان؛ مۇقىم ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىنى شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بېكىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەشتە چۈشۈپ قالغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ۋە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئەملەش ئېھتىياجىغا مەسئۇل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۈنخۇي مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ۋاكسىنا ئەملەشتە ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەندۈرگەندىلا ئاندىن ئەڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىلەر ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆزى ۋە بالىسىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىنى تولدۇرۇپ، تەرتىپ ۋە مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىغا ئاساسەن ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا تېزرەك بېرىپ ئەملىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە ئورتاق كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش