دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە جېجياڭلىق ساياھەتچى پەن يۈەنگېن ۋە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلارغا ئاپىرىن ئېيتتى ـــ
​«ھەممىڭلار ھەقىقىي قەھرىمان»
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-30 11:02:43

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز لۈ نا) «يارايسىز، سىز جېنىڭىزنى تىكىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىڭىز، كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە بەخت ـ ئامەت، تىنچ ـ ئامانلىق، ساغلاملىق سىزگە يار بولغۇسى.»، «سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن، كۆپچىلىك ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى.»، «سىلەر ھەممىڭلار ھەقىقىي قەھرىمانلار، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.»... 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، گېزىتىمىزدە «سىىز باشقىلارنى قۇتقۇزدىڭىز، بىز سىزنى قۇتقۇزىمىز» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارنىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە جېجياڭلىق ساياھەتچى پەن يۈەنگېن ۋە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلارغا ئاپىرىن ئېيتتى.

7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، «ئانار بۇلۇتى» APPسى، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» APP سى، «ئاقسۇ نۆل ئارىلىقى» قاتارلىقلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن «سىز باشقىلارنى قۇتقۇزدىڭىز، بىز سىزنى قۇتقۇزىمىز» دېگەن خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، دەرھال جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كۆرۈلۈش قېتىم سانى سىجىل ئاشتى.

7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئەتىگەندە، بىر ئوقۇرمەن گېزىتىمىزنىڭ ئاخبارات قىزىق لىنىيەسى 2142110 ـ 0997 غا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بەك تەسىرلەندىم، جېجياڭلىق بۇ ساياھەتچى خەتەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن، پىداكارلىق بىلەن ئېتىلىپ بارغان، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزغان،

 ۋىلايەت رەھبەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە كۆڭۈل بۆلگەن، بۇ، مېھىر ـ شەپقەتنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، بۇ مېنى بەك تەسىرلەندۈردى.

خەۋەردىكى «يىن شۆلىڭ گۈپپىدە تىزلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ، پەن يۈەنگېننىڭ قولىنى تۇتۇپ مۇنداق دېدى: شاپائەتچىم، مېنى كەچۈرۈڭ، مېنىڭ بىپەرۋالىقىم سەۋەبىدىن يارىلاندىڭىز. ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز، ئاپتوموبىلىم چوقۇم يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرياغا چۈشۈپ كېتەتتى، ئۇ چاغدا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايتتى ...» دېگەن مەزمۇننى كۆرگەندە ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى چېن ۋېنجۈەن كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەنمۇ مۇشۇنداق تەسىراتقا ئىگە، ھەر قېتىم ياردەمسىز قالغاندا ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسەم، ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جېجياڭلىق بۇ ساياھەتچى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بۇ مېھىر ـ شەپقەتنى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

«شىزىزو» ناملىق تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىش ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئاقكۆڭۈللۈكنى تولۇق نامايان قىلدى. ھەممەيلەن شىنجاڭلىقلارنى قىزغىن، مېھماندوست دەيدۇ، باشقىلار بىزگە ياردەم بەرگەندە، بىز چوقۇم باشقىلارغا ھەسسىلەپ ياردەم قىلىمىز. پەن يۈەنگېن ئادەم قۇتقۇزىمەن دەپ يارىلاندى، بىراق ئۇ ئاخىرىدا ئاقسۇلۇقلاردىن تولىمۇ تەسىرلەندى، بۇ خىل مېھىر ـ مۇھەببەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

«داخەن» ناملىق تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق بىر دەۋر مۇشۇنداق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئەزىمەتلەرگە مۇھتاج، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى.

كۇچا شەھىرىدىكى بىر ئوقۇرمەن گېزىتىمىزنىڭ خەۋەرلەر قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: سىز باشقىلارنى قۇتقۇزسىڭىز، ئۇلار سىزنى قۇتقۇزىدۇ، بۇ ئىش تاسادىپىي بولىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر شۇنداق بولىدۇ، بۇ، دەۋر روھىنىڭ جۇڭگولۇقلاردىكى ئىپادىسى. بىز ھەربىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇشتا شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەھرىمانلىرىمىزغا، بۇ دەۋرگە يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش