دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
​ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-19 16:29:49

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (ليۇ خۇڭۋېن، ليۇ تيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز فېڭ جياڭپېڭ، مۇ لىمىن، ليۇ ياڭياڭ)  يېقىندىن بۇيان، ۋىلايتىمىزدىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى داۋيۈەن كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پۇقرا لېكسىيە ئۆمىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى دېھقانلارغا يەتكۈزدى. دېھقان مىراۋۇت دانىش مۇنداق دېدى: مەن تېلېۋىزوردىن تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بىراق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ئىدىم. سىلەر سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، غەيرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.

كەلپىن ناھىيەسىدە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى ئىدارىسىنىڭ يۈرچى يېزىسىنىڭ ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كىتاب ئوقۇش يىغىنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە دېھقانلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. دېھقان پاتىگۈل رازاق مۇنداق دېدى: تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ داغدۇغىلىق ئەھۋالى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يىغىننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى بىرقانچە قېتىم كۆردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشىمىز.

باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسى ئوسقوي كەنتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، شەخسلەر ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش ـ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئېلى غوپۇر مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، دېھقانلارنى كەسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمەن.

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.» يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، ئىنچىكە ئىشلارنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىشتىن قول سېلىپ، دېھقانلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرى ئاتبېشىدۆڭ كەنتىدە، ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى ئوغۇتلاپ بەردى ھەم دېھقانلارنىڭ ياڭاق پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. دېھقان قۇربان ئايۇپ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىس بەك ياخشى سۆزلىدى، مەن مۇتەخەسسىسنىڭ دېگىنى بويىچە ياڭاقلىق بېغىمنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرىمەن.

7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيەسىنىڭ يانتاقشەھەر يېزىسى يانتاقشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقان قادىر ئەھەتنىڭ كېۋەزلىكىنى ئوتاپ بەردى. قادىر ئەھەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شۇنچە ئىسسىقتا كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ياردەم بەرگىنىدىن بەك تەسىرلەندىم!

7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيەسىنىڭ قايلۇر بازىرى قايلۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ يەن 3200 يۈەن مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پۇلىنى دېھقان ئامان توختىغا ئاپىرىپ بەردى. ئەسلىدە، ئامان توختىنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزىنى قايچا بىلەن يارىلاندۇرىۋالغان بولۇپ، ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋالىتىش خىراجىتى ۋە يول كىراسىدىن بېشى قېتىپ تۇرغاندا، جاڭ يەن ئۆز يېنىدىن 1000 يۈەن چىقىرىپ ئامان توختىنىڭ يول كىراسى قىلىشىغا بەرگەن ھەم بۇ ئەھۋالنى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، كادىرلارنى ئىئانە قىلىشقا تەشكىللەپ 3200 يۈەن ئىئانە توپلاپ، ئامان توختى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەتكەن ئىدى. ئامان توختى مۇنداق دېدى: ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرىغا رەھمەت، بىز بالىمىزنىڭ ساقىيىش ئۈمىدىنى كۆردۇق.

پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى ھال سوراش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى ئالغا مەھەللىسى، قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى رەستە مەھەللىسى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا ھال سوراش بۇيۇمى ۋە قىزىل كىتابلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرىدا، ۋىلايەتلىك مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشۋىق ـ تەربىيە مۇلازىمەت مەركىزى بۇ بازاردىكى قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا كۆزئەينەكتىن 200نى، ھاسىدىن200نى، بويۇن ئۇمۇرتقىسىنى داۋالاش ئۈسكۈنىسىدىن 50نى ھەم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىئانە قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش