دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى
​ پاك ـ تەلەپچان بولۇش ئاگاھ سىگنالى چېلىنىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇش مۇداپىئە سېپى مۇستەھكەملەندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-19 16:27:53

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن...» يېقىندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىدا، پارتىيەلىك كادىرلار جاراڭلىق قەسەم بەردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 23 ـ قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پاك ـ تەلەپچان بولۇش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، نەق مەيداندا ئىبرەت تەربىيەسى ئېلىشقا بەس ـ بەستە تەشكىللىدى.

7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى 23 ـ قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، يىغىندىن كېيىن پارتىيەلىك كادىرلارنى ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئىبرەت تەربىيەسى ئېلىشقا تەشكىللىدى. پارتىيەلىك كادىرلار ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىبرەتلىك دېلو مىساللىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، غايە ـ ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز.

7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى بارلىق پارتىيەلىك كادىرنى ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئورنىنىڭ باشلىقى لى تاۋ پارتىيەلىك كادىرلارغا مۇنداق تەلەپ قويدى: بىز ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەم چىرىكلىكنى ئەينەك قىلىپ، ھەم ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن ـ نىزاملاردىن ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان پارتىيەلىك كادىرلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 7 ـ كۈنىگىچە، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى 80 پارتىيەلىك كادىر تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ پاكلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيەلىك كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىش ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ شۆيۈەننىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ ـ تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ ـ تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇ شىن مۇنداق دېدى: بىز ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تىپىك تەربىيەلەر ئارقىلىق، تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئەيمىنىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئىنتىزام ۋە قانۇن ئېڭىمىزنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە ـ ئەخلاق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز...

7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى 57 نەپەر بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرنى كۆكيار خاتىرە سارىيى ۋە ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى ئېكسكۇرسىيەدە، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق ھەم سەلبىي دېلو مىساللىرىدىن ئىبرەت تەربىيەسى ئالدۇق، بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەيمىز. تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى بىلەن كۆكيار روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.

7 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسى تۈركۈم ـ تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، 23 ـ قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بەس ـ بەستە بازىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاشقا تەشكىللىدى ھەمدە پائالىيەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى. ھازىرغىچە، ۋىلايەتلىك پاكلىق تەربىيەسى بازىسى 41 تۈركۈم (قېتىم)دە، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە كەلگەن 2000دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش