دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-19 16:26:11

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز ليۇ تيەن) پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسى باغچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كۈندە ئۆيىدىكى خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش كىچىك كارنىيىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئاڭلايدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باغچى كەنتى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»غا كىرىپ، كەنتنىڭ تەرەققىيات ئىزنالىرىنى كۆرىدىغان بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، پىدائىي راھىلە تۇرغۇن «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ئاممىغا مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»دا، بىز كەنتىمىزدىكى ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە ياخشى كۈن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

باغچى كەنتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەت سارىيى» كەنتنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 130 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، «مۇقەددىمە»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق مۇساپىسى»، «باغچى كەنتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە چوڭ ئىشلار يىلنامىسى»، «كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ، يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىش»، «كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش»، «شەرەپ تېمى»، «خاتىمە سۆزى»دىن ئىبارەت يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتىنىڭ باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى لى كەيفېڭ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە رايونىغا قويۇلغان سۈرەت، يېزىق ماتېرىياللارنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار قاتارلىق توپنى بىللە زىيارەت قىلغاندا توپلىغان.

ھەربىر كۆرگەزمە تاختىسى، ھەربىر سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇمدا باغچى كەنتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، كەلگۈسى تەرەققىيات پىكىر يولى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن. يېڭى دەۋردە، باغچى كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خاس يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ ئولتۇراق مۇھىتنى تەرتىپكە سېلىش ـ تۈزەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەنت يوللىرىنى يورۇقلاشتۇرۇش ۋە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ رايوننى ئايرىش»نى يولغا قويىدۇ؛ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، بالىلار ئائىلىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاب ئوقۇش ئۆيى، خەلق مۇرەسسەخانىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئابباس باغچى كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، باغچى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولالايدۇ. ئابدۇۋەلى ئابباس مۇنداق دېدى: مەن بۇ كەنتتە نەچچە 10 يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولالايمەن. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ كەنتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن.

لى كەيفېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كەنت ئاھالىلىرى بىكار بولسىلا «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»نى ئايلىنىپ، بۇرۇنقى تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ھازىرقى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاپ، ئىلگىرىكى تۇرمۇشىدىن تولىمۇ ئەپسۇس ھېس قىلىشىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر، يېزا (بازار)لاردىكى نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كېلىپ، بۇ يەردە شەكلى ھەر خىل باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، «ئەسلىي مەقسەت سارىيى» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ياخشى جايغا ئايلاندى.

پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشتە، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىپ، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باغچى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى»نى يولغا قويۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولىۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. لى كەيفېڭ مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىق ئالدىراش چاغلاردا، بەزى كەنت ئاھالىلىرى بىزگە ئۆستەڭ، قاپقاق قاتارلىق دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بىز دەرھال ماسلاشتۇرۇپ، قەلبداشلار كۆۋرۈكى، ئىتتىپاق ئۆستىڭى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاپقىقى قاتارلىقلارنى ياسىدۇق، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەر دەل بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىزدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش