دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

تاراتقۇلارنى يۇغۇرۇشتىكى ئۈلگە
​ـــ ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-19 16:24:31

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ خۇڭخەي) ئاقسۇ شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ھەم كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە دولان مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، «چېگرادىكى بوستانلىق» دېگەن چىرايلىق نامى بار. بۇ يەرگە مۇنبەت، مول يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقى جۇغلانغان بولۇپ، تاراتقۇلارنى يۇغۇرۇش ئىسلاھاتىدا نام قازاندى. پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى بازىسىنى مەھكەم ياخشى ساقلاش ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى «پارتىيە قۇرۇلۇشى كەسپىي خىزمەتنىڭ ھەرىكەت قوللانمىسى، كەسپىي خىزمەت پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى» دېگەن خىزمەت پىكىر يولىغا ئاساسەن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتتى. «ئۆگىنىش تىپى»دىكى تەشكىلات قۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى، باش تېمىلىق تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتتى. كوللېكتىپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن جەمئىي 30 نەچچە مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇردى.

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى دىققەتنى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايەت بويىچە يۇغۇرما تاراتقۇ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلدى. ئاخبارات ـ تەشۋىقات كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىچكى باشقۇرۇش مېخانىزمى جانلىق بولماسلىق، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلالماسلىق، تۇتۇپ قالالماسلىق، تىجارەت كىرىمى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ پارتىيە ياچېيكىسى «ئاپپاراتلارنى يۇغۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش، سۇپىلارنى يۇغۇرۇپ ئاساس تىكلەش، كاپالەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىسلاھات پىكىر يولىنى بېكىتىپ، ئاپپارات خادىملىرىنى يۇغۇرۇش، تېخنىكا سۇپىسىنى يۇغۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يۇغۇرۇش، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشنى يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

ئىسلاھات جەريانىدا يولۇققان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، بۇ پارتىيە ياچېيكىسى بىرمۇ بىر ئۆتكەلگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تارماقلارنى بىرلەشتۈرۈش، قايتا تەشكىللەش، «مەركىزىي ئاشخانا» قۇرۇلۇشى، مۇستەقىل ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى تورغا ئۇلاش، ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتى، يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تەشكىللەش قاتارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «ئىش ئورنىغا قاراپ مائاش بېكىتىش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش»تەك ئۈنۈمنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، «كەسىپلەشكەن يۈرۈشتۈرۈش، پەرقلىق تەربىيەلەش، بىرىكمە تىپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى پىكىر يولىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى.

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى «ئاممىنى يېتەكلەشتە ئاۋۋال ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىشلارغا نىشانلىق ئىنكاس قايتۇردى. ئاخبارات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى ۋە «تۆت ئىقتىدار»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش باش تېمىلىق تەربىيە ـ ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، مۇھەررىرلىرىنى يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى، باغچە رايونى)، كەنت (مەھەللە)لەرگە دائىملىق چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلق ئەھۋالىنى تارقىتىپ، جەمئىيەت خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %70دىن ئاشۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىكى بارلىق مۇخبىر، مۇھەررىرلەر پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تېز ئاۋاز قوشۇپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن تاراتقۇ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى كۈچەپ تۇتاشتۇرۇپ، «رادىيو، تېلېۋىزور، تور، ئېكران، تېرمىنال» شەكلىدە ئىستىرېئولۇق ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئاممىۋى ئېلانى، كىچىك ساۋاتلاردىن 48 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇقنى ئىجاد قىلىپ قويدى. «ئاقسۇ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېببىي خادىملارغا سالام بەردى» ناملىق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يېڭى تاراتقۇ ئەسىرى «ئاقسۇ ياخشى جاي» دوۋيىنى ھۆكۈمەت نومۇرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 410 تاراتقۇ سۇپىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار 570 خەۋەر بېرىلىپ، توردا كۆرۈلۈش ئومۇمىي مىقدارى 120 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى ئىچىدە چېكىلىش مىقدارى 100 مىليوندىن ئاشقان تۇنجى سىنغا ئايلاندى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «2020 ـ يىللىق جۇڭگو يېڭى تاراتقۇسى ‹يۇقۇم›غا تاقابىل تۇرۇشتىكى 10 چوڭ سەرخىل مىسال (يەرلىك تاراتقۇ)»غا تاللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن تۇنجى تاللانغان ئەسەر بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش