دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىمىز
ـــ ۋىلايىتىمىزدىكى ئورۇنلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەنلىكى، ئىزچىللاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-19 16:20:21

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز ۋۇ جىپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى چياڭ، جاڭ شىيۇڭ) يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ زور ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى، يادرولۇق ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز.

يېقىندا، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلىپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن قىزىل كىنو كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ھەم «ئىنقىلابچىلار» ناملىق قىزىل كىنونى كوللېكتىپ كۆردى.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىستنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيە ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، قىزىل كىنو كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چۈشىنىپ، روھىي تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە چوڭقۇر ئۆگىنىش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، ياچېيكا «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»تە ئۆگىنىش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈردى.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىلايەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك داۋالىنىش ـ كۈتۈنۈش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرت قويماي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش نىزامى»نى ياخشى ئىجرا قىلىپ، فوندىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، DIP چىقىم قىلىش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلدى.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىلايىتىمىزنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەلنى بالدۇر تەكشۈرۈپ چىقىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. شۇنداقلا، داۋالاش، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ـ كەنت دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەل داۋالاش ۋە سالامەتلىك پەرۋىشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشتىكى رازىمەنلىك دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش