دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسى ئاقسۇدا تارقىتىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-16 10:29:57

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ كىتاب شەھەرچىسىدە شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىزىلغانلىقىنى، ئوقۇرمەنلەرنى توختاپ ئوقۇش، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

«مەن شى جىنپىڭنىڭ ‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز›ىنىڭ كىتابچىسىنىڭ تارقىتىلىش ئۇچۇرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان ئىدىم، شىنجاڭدا تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپلا، ئاقسۇ كىتاب شەھەرچىسىگە ئالايىتەن كېلىپ ئوقۇپ سېتىۋالدىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، مەن بۇ كىتابچىنى سېتىۋېلىپ قايتىپ بېرىپ ياخشى ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىمەن. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرىنىلا ئۆگىتىپ قالماي، يەنە ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمەن.» كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاقسۇ شەھەرلىك 4 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ شياۋ شۇنداق دېدى.

كىتاب سېتىۋېلىۋاتقان ئاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جوۋ جۈنجېي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە باشتىن ـ ئاخىر ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى ياخشى قوغدايمەن.

ئاقسۇ كىتاب شەھەرچىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان توشۇش، تارقىتىش ۋە يەتكۈزۈش پىلانى تۈزۈپ، مۇشتەرى قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسى كەلگەن ھامان تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق.

 ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا نەشرىيات بىلەن ئاللىبۇرۇن ئالاقىلىشىپ كىتابچىنى زاكاز قىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش