دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
​ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-07-16 10:28:28

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ، 14 ـ كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن ئاقسۇغا كېلىپ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى، يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تيەن ۋېن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆكيار خاتىرە سارىيى، ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتى قاتارلىق جايلارنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، تيەن ۋېن ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 30 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ناچار مۇھىتنى بويسۇندۇرۇپ، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ھەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باغچىلاشقان شەھەر قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىل بايلىقتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل بايلىقنى «ياشارتىپ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جانلاندۇرۇپ»، قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىنى پارتىيە تارىخى دەرسخانىسىغا، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلىق دەرسلىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدە، تيەن ۋېن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىشلىگەن «100 يىللىق كۈرەش يولى مەن پارتىيە تارىخىنى سۆزلەيمەن» قاتارلىق يۈرۈشلۈك نومۇرلارنى كۆردى، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تيەن ۋېن ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇغۇرما تاراتقۇ قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ، يۇغۇرما تاراتقۇ قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، بىر يېڭى ۋەزىيەت، بىر ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۇپىنى داۋاملىق ياخشى بەرپا قىلىشىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل چوقۇم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، ياخشى بايلىقنى قېزىپ، قىزىل دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتىگە كەلگەندە، كەنتتىكى مەدەنىيەت چوڭ ئۇسسۇل سەھنىسىدە دېھقانلار ئۆزلىكىدىن «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ئارقىدىن، ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ مەشرەپكە چۈشتى؛ كەنت مەدەنىيەت زالىدا، دېھقانلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتاتتى؛ دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، دېھقانلار ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىۋاتاتتى. تيەن ۋېن ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسى، كۆز قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەدەنىيەت چوڭ ئۇسسۇل سەھنىسى، مەدەنىيەت زالى قاتارلىق بازىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. شۇنداقلا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا، مەۋقەنى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. كېيىنكى قەدەمدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى؛ يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى تاراتقۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ سۇپا بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى ۋە يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئامما ياقتۇرىدىغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشى؛ تۈرلۈك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاقسۇدىكى مەزگىلدە، تيەن ۋېن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 8 ـ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرىنى يوقلىدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش