دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى
​ پارتىيە تارىخى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، پارتىيە بايرىقىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-06-23 11:44:07

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نەتىجە ـ ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  لېكسىيەچىلەر ئەترىتى ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىش

  6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەنتىدىكى ئېتىز ـ ئېرىق بېشىدا تاغلاق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ تۇڭخۇي شۇ جايدىكى دېھقانلارغا پارتىيە تارىخىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. «شياڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتىدىغان چاغدا، قىزىل ئارمىيە 34 ـ شىسىنىڭ باشلىقى چېن شۇشياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان كىشى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ھەممەيلەن دېگۈدەك قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئىسسىق قېنى پۈتۈن دەريا يۈزىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى. پۇقرالار ئارىسىدا ‹ئۈچ يىلغىچە شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ئىچىلمىدى، ئون يىلغىچە شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ بېلىقى يېيىلمىدى› دېگەن قوشاق تارقالدى...» ۋاڭ تۇڭخۇي سۆزلەۋاتقان جانلىق ھېكايىنى ئاڭلىغان ئامما ئېتىز بېشىدا تېخىمۇ كۆپىيىپ، ھەممەيلەن پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ كەتتى.

  ۋاڭ تۇڭخۇي يېڭى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا، ئۇ لېكسىيەچىلەر ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا ئۆزىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ، مەن قىزىل ھېكايىلەرنى ئەتراپىمدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، مەنىۋى قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىمەن.

  پاقىلىق كەنتىدىكى دېھقان تۇرغۇن كامال مۇنداق دېدى: ۋاڭ ساقچى تولىمۇ ياخشى سۆزلىدى، مەن پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىش، پىشىپ يېتىلىش مەزگىللىرىدىكى يۈرەكنى تىترىتىدىغان كەچۈرمىشلىرىنى ھېس قىلىپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدىم.

   ئىگىلىنىشىچە، تاغلاق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ پارتىيە تارىخى لېكسىيە ئەترىتى 30 نەچچە مەيدان (قېتىم) لېكسىيە سۆزلەپ، خەلق ئاممىسىغا 20 دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، تەۋەلىكىدىكى ئون نەچچە كىشىدىن ھال سورىغان.

   قىزىل ناخشا ئېيتىپ كۈرەش قىلىش تارىخىنى بايان قىلىش

   «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر دەقىقىمۇ ئايرىلمايمىز...» 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى «قىزىل ناخشا ئېيتىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

   پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بارلىق خەلق ساقچىلىرى جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇپ، روھلۇق قىياپىتى، چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي»، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» قاتارلىق كىلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىنى قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ مول تۆھپىسى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىدى.

   قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى چى مۇنداق دېدى: پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنى سۆيىدىغان، پارتىيەگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتىم بىلەن، خىزمەتداشلىرىمنى بىللە قىزىل ناخشا ئېيتىپ، قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ، ئىنقىلاب روھىنى چۈشىنىشكە تەشكىللىدىم.

  شۇ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمتام تەۋەلىك رايونى شياڭيۈن مەھەللىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . پارتىيەگە قىزىل ناخشا تەقدىم قىلىش» تېمىسىدىكى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

    مۇسابىقە «پارتىيەگە يەنە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي» ناملىق تونۇش ناخشا بىلەن باشلاندى، تەۋەلىك رايونى ئورگىنى «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» ناملىق خورنى ئورۇنلاپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»تىكى مەردانە ئىرادىسى ۋە «جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش»تىكى يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇش روھىي قىياپىتىنى ئىپادىلىدى. «دۆلەت»، «ۋەتەننى كۈيلەيمەن»، «سوتسىيالىزم ياخشى»، «گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىش»، «بىز داغدام يولدا كېتىۋاتىمىز» قاتارلىق ھەربىر قىزىل ناخشىدا جۇڭگو ئارزۇسى ياڭراپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى!

    مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، كىچىككىنە ئارزۇلارنى نۇرلاندۇرۇش

    6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك خەيرىيەت جەمئىيىتى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمەت كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ لىيۈەن مەھەللىسىدە «كىچىككىنە ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەن ياردەم بېرىمەن» باش تېمىسىدىكى خەيرىيەت پىدائىيلىرى قىيىنچىلىقى بار پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «كىچىككىنە ئارزۇ»لىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، لىيۈەن مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىدائىيلار قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

    پىدائىي مياۋ نالىن مۇنداق دېدى: بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا توك قازان، دۇخوپكا، قان بېسىمنى ئۆلچىگۈچ، رادىيو قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن 300 نەچچىنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردۇق.

    پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى فاڭ شۇليەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇرغىنىغا رەھمەت، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بېلەن، ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئاخىرقى ھارارىتىمنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشىمەن.

    ئاقسۇ شەھەرلىك خەيرىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ مەنچاڭ مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقى بار پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «كىچىككىنە ئارزۇ»لىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، رېئاللىقنى سېلىشتۇرۇش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچى، مېھرىبان زاتلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، شۇنداقلا خەيرىيەتلىك قەلبى، ئاممىۋى مەنپەئەتلىك قەلبى، مېھرىبانلىق قەلبى بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئاممىۋى مەنپەئەت ئىدىيەسى تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش