دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى «تەجرىبە ئېتىزى» تېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-09-22 18:21:51

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ چىۋېي خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 8-گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسى كوناشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇرالغۇسىغا كىرگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا ئالدى بىلەن ياپيېشىل كۆكتاتلىق نامايان بولدى. ھەم قىزىل، ھەم چوڭ شوخلا، راسا چۈشكەن لازا، پېلەكلەرگە ئېسىلغان دۇجۇر، ياپيېشىل كوڭشىڭسەي...قارىغان كىشى زوقلانماي قالمايتتى.

  «خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ كۆكتاتلىقى ھەققىدە سۆزلىسەك، ئۇنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ بولدى، كۆكتات يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئويناپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما دېيى.

  كوناشەھەر كەنتىدە ئادەم كۆپ يەر ئاز، سانائەت كارخانىسى يوق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى چەكلىك. قانداق قىلىپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى نەزەرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىگە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئالدىدىكى يېرىم مو بوش يەرنى «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئۆزگەرتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى ھەم مول ھوسۇلدىن كېيىنكى نەتىجىنى نامايان قىلدى.

  ھەرقېتىم كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەندە، ما دېيى ئۇلارغا ھەر كۈنى ئۈزگەن كۆكتاتنى ئاساس قىلغان ھالدا ھېسابات قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن باھا بويىچە كۆكتاتلىقتىن كىرىدىغان كىرىمنى ھېسابلاپ بېرەتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك كۆكتاتلىرىنى كۆكتاتلىق تەمىنلەيتتى، سىرتتىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق تېجىلىپ قالاتتى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە 14 مىڭ يۈەنلىكتىن كۆپ كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ كىچىك كۆكتاتلىقتىنلا تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، بەس-بەستە خىزمەت ئەترىتىدىن كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

  «بۇ يىل ھويلامغا بەسەي، لازا، دۇجۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدىم، ئۆزىمىز يېگەندىن باشقا، يەنە 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ياخشىكەن» دېدى كەنت ئاھالىسى مەمەت ئەلىشىر.

  پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئالىم ئابلا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«خىزمەت ئەترىتىنىڭ كىچىك كۆكتاتلىقى ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى ‹ئۈلگە كۆرسىتىش كۆكتاتلىق›ى بولۇپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ‹ۋىۋىسكا تۈر› بولدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرسىتىش، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى».


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش