ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قەلىبلەرنى ئىللىتىش
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-05-30 19:36:59

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىز ئۈچۈن سېمونتلارنى ھەقسىز ئەكېلىپ بېرىپ، ھويلا-ئارانللىرىمىزنى ئوڭشاتقۇزدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.» دېدى ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى پىلە بېقىش مەيدانى كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە ئەسقەر تىلىۋالدى خۇشال ھالدا.

  ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئاقسۇ شەھىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ توپلۇق يېزىسى پىلە بېقىش مەيدانىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار 15 ئاھالىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ گەرچە سېلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما قورۇق تېمى ۋە يەر يۈزى ئىزچىل ياسالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ كەنت گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن سېمونت سېتىۋېلىشنى قارار قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقسىز سېمونت تارقىتىپ بەردى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سېتىۋالغان 3 توننا سېمونتنى ئەسقەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار 15 ئاھالىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لېي تىڭ مۇنداق دېدى: « بۇ يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى دائىم ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، بايراملاردا تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە ھال سوراش پۇلى بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى، پۇختا ئىشلەپ، ئىللىقلىقنى ئاممىنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.»


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش