ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

26-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى باشلاندى، دىققەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا مەركەزلەشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2019-08-23 19:14:32

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە 17-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب بايرىمى 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدا باشلىنىپ، خەلقئارادىكى 95 دۆلەت ۋە رايون كۆرگەزمىگە جەلپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 30 دۆلەت بار بولۇپ، رۇمىنىيە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولدى؛ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 2600دىن ئارتۇق سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتناشتى، 300 مىڭ خىلدىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل نادىر كىتابلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

  بۇ نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسىنى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو كىتاب ئىمپورت-ئېكسپورت (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن. كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 106 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش نادىر نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» نادىر كىتابلار كۆرگەزمىسى، ئىمپورت-ئېكسپورت نادىر نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، نادىر ژۇرناللار كۆرگەزمىسى، يېڭى جۇڭگو كىتاب نۇسخىسى كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلدى.

  خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان، ھازىرغىچە 25 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارا نەشر ھوقۇقى سودا سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن خەلقئارا نەشرىيات ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانا ۋە زاتلار جەلپ قىلىندى. بۇ يىل ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار داۋاملىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئاساستا، پورتۇگالىيە، قازاقىستان تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، مالايسىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندۇنېزىيە، سىنگاپور قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى 30 دۆلەت كۆرگەزمىگە پائال قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش