خەلق تورى، كۇنمىڭ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (خۇ زۈنخۈي): باش باھاردىن كېيىن، ھاۋا ئىللىپ گۈللەر ئېچىلدى. يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى ديەنچى كۆلى لاۋيۈخې دەرياسى سۇلۇق يېرىدە، مىليون تۈپ چوڭ شەمشاد بىخ چىقىرىپ، قىزىل رەڭدىن يېشىل رەڭگە ئۆزگەردى؛ ديەنچى كۆلى قىرغىقىدا، قىزىل تۇمشۇقلۇق چايكىلار پەرۋاز قىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى باھار سەيلىسى قىلىپ چايكىلاردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى، بوشلۇقتىن قارىغاندا، خۇددى بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايتتى.