ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ بىلەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو جۇڭگو-بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2019-08-16 18:46:46

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15- ئاۋغۇست برازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن برازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم بازار دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئىشقا ئايلاندى. ھازىر جۇڭگو بىلەن برازىلىيە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەمكارلىشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بولماقتا. مەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بولسونارو بىلەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن .

  بولسونارو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىيات نىشانىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى كۆپ مەنبەلىك ھالدا پىشىپ يېتىلدى، ھەمكارلىق مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشى سىجىل ئېشىپ، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولۇپ، بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ماھىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ھۆكۈمەت ئارا راۋان سۆھبەتلىشىشنى ساقلاپ قالدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يولىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش