ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ يېرىم يىللىق دوكلاتىغا دىققەت قىلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:خەلق تورى ۋاقتى:2019-07-24 17:43:46

 جۇڭگو دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئېلان قىلدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ياخشى بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: 7-ئاينىڭ 15 -كۈنى، جۇڭگو ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئاسىيا پاي چېكى بازىرى ئۆرلىدى. 6-ئايدا جۇڭگونىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمي سوممىسى مۆلچەردىكىدىن ئاسانلا ئېشىپ كەتكەن. ئايلىق ئىقتىسادىي پائالىيەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان، بۇ جۇڭگو قوللانغان بىر قاتار قوزغىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىققا يۈزلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇردى.

  ئاۋسترالىيە غەربىي تىنچ ئوكيان بانكىسى پېرېۋوت بازىرى تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مۆلچەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتى، 6-ئايدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان كۈچنى نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئاۋسترالىيە تاۋار ئېكسپورت سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئەنگلىيە « پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى » دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ بۇ يىل 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن. 6-ئايدا پارچە سېتىش ئېشىش سۈرئىتى % 9.8 بولۇپ، 5-ئايدىكى % 8.6 سەل ئاشتى، بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئالامەت بولۇپ، دۆلەت ئىچى ئىستېمالىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش