ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

ياۋروپا پارلامېنتى يېڭى رەھبەرگە ئاۋاز بېرىشنى قارار قىلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:خەلق تورى ۋاقتى:2019-07-24 17:41:10

 ياۋروپا ئالاقە تورىنىڭ ياۋروپا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فېڭ دېلەيئېننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىنى ئۆتەش-ئۆتىمەسلىكىنى ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلىدىكەن. نۆۋەتتە قىسمەن پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قارشى ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، تاشقى ساھەنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر قوشۇلغان بېلەت 400 دىن تۆۋەن بولسا، كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىككى چوڭ ئورگاننىڭ مەشغۇلاتى تېخىمۇ كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىكەن.

 فېڭ دېلەيئېن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئىچكى كابىنېت ئەزاسى، گېرمانىيە ئائىلە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان، 2013-يىلى گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئايال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ھەمدە ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش