ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىنو كۆرگەزمىسى مىسىردا باشلاندى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2019-07-02 18:43:21

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مىسىر قاھىرەدە، تاماشىبىنلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىنو كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن «سەرگەردان يەر شارى» ناملىق فىلىمنى كۆردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىنو كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى، جۇڭگونىڭ ئالتە كىنوسى قاھىرە، ئىسكەندەرىيە قاتارلىق شەھەرلەردە قويۇلىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كىنو كۆرگەزمىسىدە «سەرگەردان يەر شارى»، «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى»، «ئا تەرەپ ب تەرەپ» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئالتە مۇنەۋۋەر فىلىم قويۇلىدىكەن، تاماشىبىنلار بۇ كىنولار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنەلەيدىكەن.

 


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش