ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا
سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا، ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ 37-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋىيېتنام رىياسەتچىلىك قىلغان 37-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى 12-نويابىر ئېچىلدى، يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پائال ماسلىشىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان رايون سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىق رامكىسىنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنخۇا ئاگېنتلىقى \ ۋىيېتنام ئالاقە ئاگېنتلىقى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش