ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-07-01 16:52:59

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭيىن جيازىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، دابەندە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قوللاش بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەت مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

رامافۇسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تىلەكداشمەن. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قىممەتلىك قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ئوخشاشلا دۆلەتلەر ئارا باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلقئارا سودىدىكى يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ خۇاۋېي قاتارلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاڭ ياڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى جۇڭگو - ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، يېڭى مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جاكارتا - باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى»نى ياخشى قۇرۇپ، كەسپىي تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئاقىل شەھەر، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئىككى دۆلەت ۋە رايون تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش 64 يىل ئىلگىرىكى باندۇڭ روھى بىلەن تومۇرداش. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە خەلقئارا سەھنىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى قوغدىشى كېرەك.

جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. ھىندونېزىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا - باندۇڭ تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ماسلىشىش - ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جيەنمىن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىك ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي ئورتاق تونۇشى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىككە، ئۆزگىرىشچانلىققا يۈزلىنىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەرتەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ساقلىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە داۋاملىق باراۋەر سۆھبەتلىشىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا ئايلىنالايدۇ. بىز گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونى ئىشەنچلىك سودا ھەمراھى دەپ قاراپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋەدىسى ھەرگىزمۇ قۇرۇق ۋەدە ئەمەس، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئېچىشىنى قارشى ئالىمىز.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، رىقابەتنى ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا باسىدىغان ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بىز گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى گېرمانىيەگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشى كېرەك. بىز گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، كېلەر يىلى جۇڭگو - ياۋروپا سېلىنما كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاش ھەم جۇڭگو - ياۋروپا ئەركىن سودا ھەمكارلىق مۇساپىسىنى بالدۇرراق باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشنى ئارزۇ قىلماقتىمەن. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى مۇھاكىمە قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا - جۇڭگو سېلىنما كېلىشىمىنى بالدۇرراق ئىمزالاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز سودا ساھەسىدە يەككە تەرەپچىللىكنى قوللىنىش، ھە دېسىلا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلىرىدىن چوڭقۇر تەشۋىش ھېس قىلدۇق.

ئىككى تەرەپ يەنە ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، بىردەك ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇمىي كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى سۆزلىشىپ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ قارىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، شاڭ ياڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، كەسكىن بولغانسېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باش كاتىپنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش تەرىپى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيدى، دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىقنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو ئىزچىل تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئېغىر - بېسىق بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى دابەن باشلىقلار يىغىنى يەر شارىۋى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، سىرتقا توغرا سىگنال تارقىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باش كاتىپ ئەپەندىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرماقتا، سودا ساھەسى ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك كۆرۈلدى، دۇنيا كۆپ تەرەپچىللىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن - تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ئىستىكى يېتەرلىك بولماسلىقتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق پەيتكە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك قوللاشنى ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىككە ئەمەل قىلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش