ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-07-01 16:52:09

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ شياۋيى، لى جيەنمىندۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى بويىچە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى يەر شارىۋى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يۈك بولۇۋاتىدۇ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تايىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان سەلبىي تەسىر كەلتۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستان بولۇشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۈچ دۆلەت ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان ئۈچ تەرەپ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى، دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىشى كېرەك. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، 5G تورى، يۇقىرى تېخنىكا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كېڭىشىشى بىردەك بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، باراۋەرسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. يەر شارى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە - جۇڭگو - ھىندىستان ئۈچ دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى قوغداشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە جازالاشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا قائىدىلەرنى قوغداش ھىندىستان - جۇڭگو - رۇسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئۈچ دۆلەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى ھەمدە رايون خەۋپسىزلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى زىچ ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش