ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-07-01 16:50:29

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جيەنمىن، خاۋ ۋېيۋېيكېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كەسكىن بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىشنى ساقلىدى، لېكىن ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆز ئىشىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە تاشقى خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى ئون يىلدا، بەش دۆلەت رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئورتاق كۆزلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قانۇنسىز بىر تەرەپلىمە جازالاش ۋە «باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە قولىنى سوزۇش»قا قارشى تۇرۇشى كېرەك. بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىز كېسەك ئالتۇن ئىقتىسادى، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىققا تەڭپۇڭ تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، «يېڭىلىق يارىتىش كېسەك ئالتۇن» تورى، كەلگۈسى تور تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېز قۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ كارخانىلىرىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قاتناشتۇرۇشىمىز ھەمدە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە بەش دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى.

ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولماقتا، خەلقئارا جەمئىيەت يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئاجىزلىشىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، تەرەققىياتتىكى سىغدۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش جىددىي زۆرۈر بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك رولىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ۋە سودا ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان خەلقئارا سودا سۆھبىتى قارالمىلىرىنى تۈزۈپ، ئورتاق گۈللىنىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىزنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىمىزنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى خەۋپ - خەتەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەرەققىياتنى مۇھىم قارالما قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۇچرىشىشتا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىندى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش