ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

قازاقىستان زۇڭتۇڭى خېتىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، دېدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:خەلق تورى ۋاقتى:2020-04-08 17:24:26

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف 6- چېسلا قازاقىستان دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزى ۋە دۆلەت بىئو تېخنىكا مەركىزىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىغا خەت ئەۋەتىپ، دۆلەپ ئىچىدە ئىشلەنگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  توقايېف تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزى ۋە دۆلەت بىئو تېخنىكا مەركىزىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ نەتىجە قازاقىستان بىئومېدىتسىنا كەسپىنىڭ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىشىنىمەنكى، تەكشۈرۈش سىستېمىسى مىڭلىغان قېرىنداشلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قۇتقۇزالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 6- چېسلا سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، قازاقىستاندا جەمئىي 584 كىشى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 44 كىشى ساقايغان، ئالتە كىشى ئۆلگەن. مەملىكەت بويىچە ئۈچ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 14 ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە كېسەل بايقالغان، پايتەخت نۇرسۇلتان ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى ئالمۇتا يەنىلا «ئېغىر ئاپەت رايونى» بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 219 ۋە 116 ئادەم يۇقۇملانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش