ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر ئېلان قىلىندى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2019-07-16 18:32:43

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022-يىلىغىچە، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەڭپۇڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىنىدىغان زامانىۋى ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىنىدۇ. ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى مېخانىزمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت تورى ئەسلىھەسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، ئالاقە راۋان بولغان، ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇش سسىتېمىسى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئاساسىي ئاممىۋىي قانۇن مولازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  2035-يىلىغىچە، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىنىدۇ. ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، مۇلازىمەت مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇش، مۇلازىمەت تەمىناتى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭ تەرەققىيي قىلدۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قانۇن مۇلازىمىتى قىلىنىدىغان ئاممىنىڭ رازىمەنلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش