ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

خانىم-قىزلار دىققەت! پاشىنىسى تۆت سانتىمېتىردىن ئاشقان ئېگىز ‏پاشنىلىق ئاياغ كىيمەڭ
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-05-31 16:36:52

  ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، ئاياللار لاتاپەتلىك كۆرۈنۈپلا قالماي، يەنە بەدەن شەكلى تۈزىلىپ، سېھرىي كۈچى ئاشىدۇ، ئەمما  ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭمۇ زىيىنى بار.

  ئالدى بىلەن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىن كېيىن، بەدەن ئالدىغا قىيسىيىپ، زور كۆپ قىسىم ئېغىرلىق پۇت ئالقىنىغا چۈشىدۇ، پۇت بارماقلىرى مەركەزلىك كۈچ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە ئۆزىنى قويۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن پۇت بارمىقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر ئاياغ ئۇچى بەك ئۇچلۇق بولۇپ، پۇت بارماقلىرى قىسىلسا، قاداق چىقىدۇ، ھەتتا باش بارماق سىرتقا ئۆرۈلۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە تاپان تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، داس سۆڭىكى ئالدىغا قىيسىيىپ، نورمال ئېغىرلىق كۈچى يەتكۈزۈش يولىنى بۇزۇۋېتىدۇ ھەم تىز ۋە بەلنىڭ بەرداشلىق بېرىش بېسىمىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىز بوغۇمى كۆمۈرچىكى ئۇپراپ، تىز بوغۇمى كېسىلى ۋە بەل مۇسكۇلى زەخىمىسى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. بەل مۇسكۇلى زەخىمىسى سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ۋە پەينىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى تېزلىتىپ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ مۇقەددىمىسىگە ئايلىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش