ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋاسىتىنى بېيىتىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نەتىجە ـ ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
ھەر دەرىجىلىك تارماقلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-17 18:01:58

«ئاقسۇ گېزىتى» مۇخبىرلىرى دۇڭ چېڭجۇڭ، گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شى شياۋجۈەن، ما جۈن، جاۋ ياۋېن، جاڭ شۆۋېي، ۋاڭ خوۋيۈن، يۆ لېي

2 ـ تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا يېتەكلىدى. مېخانىزم ئورنىتىش ئارقىلىق، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش ۋە تەسىراتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى راسا چىڭ تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

توقسۇ ناھىيەسى: ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتتى

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ـ تەربىيە ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈردى.

پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەر ھەپتىدىكى يېرىم كۈنلۈك كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ئاساسىدا، پارتىيە ئەزالىرىنى قەرەللىك ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەپ، سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «پارتىيە بايرىقى تيانشاننى چاقناتتى، پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى» تېمىسىدا پىدائىيلار ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 9100 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، 640 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىدى.

ناھىيە تەۋەسىدە باش تېما تەربىيەسى بويىچە پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، 347 نەپەر پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى تەربىيەلەپ، پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھەرقايسى قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىغا تايىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى قاتلام، دەرىجە، تۈر بويىچە تەربىيەلەپ، 19 مەيدان (قېتىم)دا 180 دىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈردى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئوقۇپ، بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش؛ پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر قېتىم  پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ھېس قىلىش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى كۆرۈپ، بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، بىر قېتىم تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىش؛ قىزىل ھېكايە سۆزلەپ، بىر قېتىم ئۈلگە تەربىيەسى قوبۇل قىلىش؛ قىزىل كىنو كۆرۈپ، قىزىل ناخشا ئېيتىپ، بىر قېتىم قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت «يەتتە بىر» بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى. «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەتنى سۆزلەش، تەسىراتىنى سۆزلەش»، «پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىم» قاتارلىق باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، 290 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 7250 تىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

كۇچا ناھىيەسى: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى سايبويى مەھەللە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا كۈلكە ئاۋازى ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى... كۇچا ناھىيەلىك 13 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى بۇ يەردە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

پائالىيەتتە دېكلاماتسىيە، ئېتۇت، ناخشا ـ ئۇسسۇل، مودېل مېڭىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆزلىنىپ، دوستلۇق مېھرى كۈچەيتىلدى... 300 دىن ئارتۇق كادىر، ئامما پائالىيەتكە قاتناشتى.

شۇ كۈنى، كۇچا ناھىيەلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىمەن بازىرىنىڭ ئۆگەن كەنتىدە «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ۋەتەن بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ۋەتەنگە بەخت تىلەيدىغان ناخشىلار ئېيتىلىپ، شوخ ئۇسسۇللار ئوينالدى، خۇشاللىق ساداسى ئەۋجىگە چىقىپ، ئاممىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئاقسۇ شەھىرى: ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

بۇ يىل، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى سايمەھەللە كەنتى بازارلىق پارتكوم تەرىپىدىن «ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. سايمەھەللە كەنتى باش تېما تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشنى پۇرسەت قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى.

سايمەھەللە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئايكۆل بازارلىق پارتكوم، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇپ قېلىش سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەسىلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلدى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەخمۇت مۆمىن مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى دائىملىق زىيارەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەكلىپ ـ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قۇمتام تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ لىنخەي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا ئاممىدىن تەكلىپ ـ پىكىر ئېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال ھەل قىلدى. تەۋەلىك رايونىدىكى بېيىش باشلامچىلىرى، «تۆت پېشقەدەم»لەرنى خىزمەتلەرگە باھا بېرىش ۋە نومۇر قويۇشقا تەكلىپ قىلىپ، نۇرغۇن ئىجابىي تەكلىپ - پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان تەربىيەگە ئايلاندۇردى.

جاڭ جىمىڭ لىنخەي مەھەللىسىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ئۇ خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللىگە تەۋەلىكنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى ناھايىتى تېزلا ئەمەلىيلەشتى، مەھەللە «ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى»نى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تازىلىق بويىچە ئىشىك ئالدىدا «ئۈچنى ھۆددىگە بېرىش»نى يولغا قويۇپ، خىزمەت ئەترىتى، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاھالىلەر ئاممىۋى رايونى، كوللېكتىپ ئورمان بەلبېغىنى بىرلىكتە تازىلاپ، مۇھىت تازىلىقىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، 35 پارچە تەكلىپ ـ پىكىر قوبۇل قىلىپ، 31 پارچىسىنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، تۆت پارچىسى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە تەلىپىدىن 16 نى ھەل قىلىپ، جېدەل ـ ماجىرادىن بەشنى مۇرەسسە قىلىپ، ئاممىغا 14 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئاۋات ناھىيەسى: ئۆگىنىش ـ تەربىيە شەكلىنى بېيىتىپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتتى

باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىش جەريانىدا، «يۇقىرىدىكىلەر قىزغىن، تۆۋەندىكىلەر سۇس بولۇش»، نەزەرىيە ئۆگىنىشى چوڭقۇر بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىقتەك مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆگىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، زېھىن سىناش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەنىڭ شەكلى، مەزمۇنىنى بېيىتتى.

يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ياۋ شىن مۇنداق دېدى: زېھىن سىناش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە سەۋىيەسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش، ئېشىپ كېتىش»تەك ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان نۇقتا، ئوخشىمىغان قاتلامدىن پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ جاپالىق كۈرەش قىلغان 70 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇردۇق.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش