ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى 7 مىليون 500 مىڭ مو كېۋەز ئومۇميۈزلۈك چۆلەش مەزگىلىگە كىردى
​بۇ يىل ماشىنىدا چۆلەش كۆلىمى 3 مىليون موغا يېتىپ، ماشىنىدا چۆلەش نىسبىتى %40 تىن ئاشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-17 17:57:29

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ، جايلاردا كېۋەزنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى كېۋەز چۆلەش ماشىنىلىرى بىلەن چۆلەش بۇ يىل كۈزدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ يانتاقشەھەر يېزىسى ئالغا كەنتىدىكى دېھقان ما جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن 600 مو كېۋەزنىڭ ھەممىسىنى ماشىنىدا چۆلەش ئەندىزىسى بويىچە تېرىغان، بۇنداق بولغاندا كۈچنى ھەم پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن، يەنە پاختا چۆلەيدىغان ئادەم تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيدىكەنمىز. نەچچە يۈز مو كېۋەزنى ئىككى كۈندىلا چۆلەپ، بىر كۈندە سېتىپ، ئۈچ كۈندىلا بارلىق ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولدۇم. زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ئىكەن.

شايار ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى.  نۆۋەتتە، ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەزنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ، مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى. چۆلەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېزا - بازار (باشقۇرۇش كومىتېتى)لار چوڭ تىپتىكى چۆلەش ماشىنىسىنى پاختا چۆلەشكە پائال تەشكىللەپ ۋە كېۋەز چۆلەش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كېۋەز چۆلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

پاختىچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلغان ئاۋات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەز تېرىش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. بۇ يىل بۇ ناھىيە 1 مىليون 420 مىڭ مو كېۋەز تېرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 780 مىڭ موسى ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەز بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 280 مىڭ موغا يېقىن كۆپەيگەن.

ئاۋات ناھىيەسى مول ھوسۇل تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خوڭيۈ كەنتىدىكى كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى جاڭ ليەنچېڭ كېۋەزنى ماشىنىدا چۆلەشنىڭ پايدىسىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بىلەن كېۋەز چۆلەش بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى، كېۋەز چۆلەيدىغانلارنى تېپىش تەس بولۇپلا قالماستىن، كېۋەز چۆلەش ھەققىمۇ يۇقىرى ئىدى، يەنە ئۇلارنىڭ ياتاق، تامىقىنى ئۈستىمىزگە ئېلىش، جىڭلاش، خالتا كۆتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. كېۋەزنى ماشىنىدا چۆلەش ھەققى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ھەقىقەتەن كۈچنى، ۋاقىتنى، پۇلنى تېجىگىلى بولىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزدە 7 مىليون 500 مىڭ مو كېۋەز تېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەز كۆلىمى 3 مىليون مو بولۇپ، ماشىنىدا چۆلەش نىسبىتى %40 تىن ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئەمگەك تەننەرخىدىن 300 مىليون يۈەن تېجىلىپ، سىرتتىن كېلىدىغان كېۋەز چۆلىگۈچىلەردىن 112 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئازايغان.

2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ۋىلايىتىمىزنىڭ كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كۆلىمى 5 مىليون مودىن كۆپرەككە يېتىپ، ماشىنىدا چۆلەش نىسبىتى %60 كە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شايار ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كۆلىمى تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ %80 تىدىن ئاشىدۇ.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 ـ يىلىغىچە، ۋىلايىتىمىزدە ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەز تېرىش ماشىنىسىدىن 2454 ى، 100 ئات كۈچىدىن يۇقىرى تىراكتوردىن 700 نەچچىسى، ئاپتوماتىك ھەيدەش يول باشلاش ئۈسكۈنىسىدىن 340 يۈرۈش،  يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۈسكۈنىسىدىن 1079 ى، كېۋەز چۆلەش ماشىنىسىدىن 238 ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ماشىنىدا چۆلىنىدىغان كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرىگە بېرىلگەن تولۇقلىما مەبلىغى 130 مىليون يۈەنگە يەتكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش