ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى پىلانلاش تەرەققىيات تېزىسى»نى باھالاش يىغىنى ئاچتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-17 17:55:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى پىلانلاش تەرەققىيات تېزىسى»نى باھالاش يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدە ئېچىلدى. بېيجىڭ سىفەن داشۆسى، بېيجىڭ بىناكارلىق داشۆسىنىڭ شەھەر پىلانلاش ـ لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق10 لايىھەلەش ئورۇنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ـ قوغداش ئەھۋالى ۋە مەسىلىسى، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، رايوندىكى مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە كارىدورى ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن دوكلات بەردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ماتېرىيال، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار نەتىجىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىنى رەتلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى پىلانى ۋە ۋىلايەتنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى پىلانىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پىلان تۈزۈش خىزمىتىدە تۆۋەن چەكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي دېھقانچىلىق ئېتىزى، شەھەر، بازار ئېچىش چېگراسى قاتارلىق بوشلۇقنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى ئايرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش