ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى بۇ يىل 3 ـ قېتىملىق يىغىن ئاچتى
​تۆت تۈرلۈك خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-17 17:53:14

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى بۇ يىل 3 ـ قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ «ۋىلايەتنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى» قاتارلىق تۆت خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئالاقىدار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى تاڭ جيەنفېڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يىغىندا، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ «ۋىلايەتنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «ۋىلايەتنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مالىيە خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە ۋىلايەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە) دوكلاتى»، «‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›، ‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى›نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى»، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ۋىلايەتنىڭ ‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›، ‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى›نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى  ۋە قاراپ چىقىلدى، ۋىلايەتنىڭ 2019 ـ يىللىق شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ، تەستىقلاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، خەلقنى مەركەز قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ئەمەلىي تۇتۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «سۈزۈك سۈ، يېشىل تاغ»لىرىنى «ئالتۇن ـ كۈمۈش»كە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيەنى باشقۇرۇش بويىچە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خامچوتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جەزمەن خامچوتنى يولغا قويۇش بىلەن قانۇندا بېكىتىلگەن ۋەزىپە ھوقۇقىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋىلايەت ۋە ناھىيە (شەھەر)لەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، پارتكوم بېكىتكەن نىشان ـ ۋەزىپە، نۇقتىلىق تۈر خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، خامچوت تۈزۈش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، بارلىق ئېغىزلارنىڭ خامچوت تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت تۈزۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خامچوت تۈزۈشنىڭ ئېنىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خامچوت ۋە سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، «ئىككى نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار «ئىككى نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە يۈرۈشلەشمە تۈزۈمنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىككى نىزام»نى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات كېرەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئىككى ئىلغار كوللېكتىپ، يەتتە ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چۈنياڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ۋە ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش