ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ئالمىسى قاتارلىق ئۈچ تۈر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-17 17:49:43

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى ــ ئاقسۇ ئالمىسى، ئاقسۇ ياڭىقى، ئاقسۇ چىلىنىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تارىم داشۆسى، ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات ئورنى، ئاقسۇ تيانشان سىرلىق ئورمان مېۋىچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ۋىلايەتلىك ئالمىچىلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەكلىپ قىلىنغان يەتتە مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى قاتارلىق بەش ئورۇن تەييارلىغان جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى ــ  ئاقسۇ ئالمىسى، ئاقسۇ ياڭىقى ۋە ئاقسۇ چىلىنىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشكە سۇنۇلىدىغان نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۆلچەم نۇسخىسىنى تەييارلىغۇچى ئورۇننىڭ ئۆلچەم نۇسخىسىنى تەييارلاش جەريانى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئۆلچەم نۇسخىسىنى ماددىمۇماددا، خەتمۇخەت تەكشۈرۈپ بېكىتتى ھەمدە تۈزۈش ئىزاھاتى، ئۆلچەم نۇسخىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى توغرىسىدا تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپ بەردى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىردەك ئاقسۇ ئالمىسى،  ئاقسۇ ياڭىقى ۋە ئاقسۇ چىلىنىنىڭ تېخنىكا تەلىپى ئەسلىدىكى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ئېلانى بىلەن بىردەك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملىرى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە، بىرقەدەر كۈچلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىپ، تەستىقلاشقا يوللايدىغان نۇسخىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىغا، ئەنگە ئېلىپ يولغا قويۇشىغا يوللاش تەكلىپىنى بەردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش