ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، دوۋ ۋەنگۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇ گاڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، نىياز ھاشىم باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-14 14:24:46

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ئالتۇن كۈزدە كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېسىل مېۋىلەر بىلەن ئەزىز مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاقسۇ قۇمتام يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ئوبوروت باغچىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گاڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ليۇ باۋشېڭ، گاۋ كېپىڭ، ليۇ خۇڭجۈن، ۋاڭ تۇڭلىن، لياڭ فېڭيۈەن، جيا جىڭلېي، چاڭ يۈشۈەن، لو جۈن قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

دوۋ ۋەنگۇي تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاقسۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ، بۇ يەرنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، تۈرلۈك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە باغ ـ ئورمان بەرپا قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا ۋە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم بازىسى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم بازىسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئەڭ چوڭ مېۋە ـ چىۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى»، «جۇڭگو چىلانزارلىقى»، «جۇڭگو كىشمىش ئۆرۈك ماكانى»، «جۇڭگو خۇڭفۇشى ئالمىسى ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇپ، يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چىلان، ياڭاق، ئالمىنى ئاساس قىلغان ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئۇل سېلىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ‌ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتىنىڭ ئاقسۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئاقسۇنىڭ يەرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بەردى. مەن ھەرقايسى سودىگەرلەرنىڭ بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشنى پۇرسەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىدىيە، يېڭى مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، يېڭى ھۈنەر ـ سەنئەت، يېڭى تېخنىكىنى نامايان قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، ئەقىل ـ چارە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، باغ ـ ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئورتاق كېڭىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقنى شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىگە ئېغىز تېگىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم «يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داڭلىق، ئۆزگىچە، ئەلا، يېڭى مەھسۇلات بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلغان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كاتتا پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ، مەن يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەردىن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، كەسىپ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى تۇتۇپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، ئەقىل ـ چارە كۆرسىتىپ، ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە مېۋە ـ چىۋىلىرىنى شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش ساھە، ئوخشاش كەسىپلەردىكى كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچلۈكلەر قول تۇتۇشۇپ، بارىدىن تەڭ پايدىلىنىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، پائالىيەتكە قاتناشقان رەھبەرلەر، ئەزىز مېھمانلار، سودىگەرلەر يەنە ھەرقايسى يەرمەنكە رايونلىرىغا بېرىپ، يەرمەنكە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى كۆردى ھەم يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر بىلەن تەپسىلىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ يەرمەنكىدە نەتىجىگە ئېرىشىشىنى تىلىدى.

بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇردى، ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. ۋىلايەت 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يەرمەنكە رايونىغا جەمئىي 383 يەرمەنكە ئورنى تەسىس قىلدى،  328 سودىگەر، 166 سېتىۋېلىش سودىگىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 1000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، قۇرۇق مېۋە، ھۆل مېۋە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق ـ ماي قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى، كالا ـ قوي گۆشى قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات مەھسۇلاتلىرى، مىللىي قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش