ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىقنى خەلقنى بېيىتىش كەسىپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-14 14:21:23

ئەركىن تۇنىياز  6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىقنى خەلقنى بېيىتىش كەسىپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلار سودا يەرمەنكىسىنىڭ ھەربىر يەرمەنكە رايونىغا بېرىپ، يەرمەنكە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى كۆردى ھەمدە يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ، ئىقتىساد بىلەن ئېكولوگىيەگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىمكانىيەتلىك، سىجىل، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى. ئاقسۇدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقا جايدا سېتىش سۇپىسى قۇرۇش، ماركا ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تور سودىسىدىن ئىبارەت زامانىۋى سېتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سىرتقا چىقىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ باغ ـ ئورمانچىلىق كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شۇ كۈنى، 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسىنىڭ 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يەرمەنكە رايونىدا، ئاقسۇنىڭ ئالما، نەشپۈت، چىلان، ياڭاق قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ھەربىر يەرمەنكە رايونىغا بېرىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. «سىلەر كۆرگەزمىگە قانداق مەھسۇلات ئېلىپ كەلدىڭلار؟ تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىڭلار قايسىلار؟ سېتىلىش ئەھۋالى قانداقراق؟» ئاقسۇ تيانشان سىرلىق ئورمان مېۋىچىلىكى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يەرمەنكە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئەھۋالىنى ۋە سىرتقا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، ماركا قۇرۇلۇشى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى سورىدى ھەمدە بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلارنى  تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بازار ماركېتىڭى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئاساسلىقى باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مېۋە ـ چىۋىلەرنى تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلەشنى يادرولۇق كەسىپ قىلىدۇ، مەھسۇلاتلىرى ئالقات، ئۈزۈم، گۈلە ئۆرۈكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىغىنە بىرقانچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر بۇ كارخانا تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلار تيانشان نەشپۈت قىيامى، مېۋە كەمپۈتى قاتارلىق 100 نەچچە خىل مەھسۇلاتقا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىپلا قالماي، يەنە جېجياڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىمۇ سېتىلماقتا.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، سىلەر مېۋىلەرنى تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، بازارنى مەۋقە قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، كارخانىنى زورايتىش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشۈڭلار كېرەك. تور سودىسىدىن ئىبارەت زامانىۋى سېتىش يولىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭلارنىڭ داڭقىنى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئاقسۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپلەپ «سىرتقا چىقىش»ىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارنى قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشۇڭلار كېرەك.

شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يەرمەنكە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇلى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، بۇ كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دۆلەت كارخانىسى بولۇپ، تۆت يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر بۇ كارخانا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشتىن باشقا، يەنە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، سېتىش ھەمدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزى سېتىش، تەييار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاقسۇنىڭ ئالمىچىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېتەكلەش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، سىلەر ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسىدىن ئىبارەت بۇ ماركىسىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، توردا ۋە ئەمەلىي دۇكاندا سېتىشتىن ئىبارەت بىرلەشتۈرۈپ سېتىش ئەۋزەللىكىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار كۆلىمىنى تېز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشۇڭلار كېرەك.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چىدې ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەرمەنكە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز ياڭاقنى خام ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياڭاق ياغلىرىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ئاقسۇدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئاقسۇدىن چىقىرىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ، كارخانىنىڭ پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى كىرىمىنى تېز ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر كۆزىتىشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش