ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي ۋىلايىتىمىزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
​توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-14 14:18:38

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايىتىمىزدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئاقسۇ گېزىتخانىسى، ئاقسۇ «دولان مەرۋايىتى» رادىيو ـ تېلېۋىزىيە مۇنارى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى ۋە ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 1 ـ سەپتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات تاراتقۇلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى، قۇلىقى، كۆزى. شۇڭا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش، سىياسىيونلار ئىستانسا باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئاقسۇ «دولان مەرۋايىتى» رادىيو ـ تېلېۋىزىيە مۇنارى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە سىگنالىنى تارقىتىش ۋە شەھەر مەنزىرىسى بىرگەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق مۇنار. تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، دوۋ ۋەنگۇي تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

ئارقىدىن دوۋ ۋەنگۇي ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئۆيى، باش مۇھەررىر ئىشخانىسى ۋە يېڭى تاراتقۇ مەركىزىگە بېرىپ، خەۋەرلەر پىروگراممىسىنى ئىشلەش تەرتىپى، بىخەتەر قويۇش ۋە يۇغۇرما تاراتقۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانال، پىروگراممىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا، دوۋ ۋەنگۇي ئاقسۇ گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ گېزىت ئوقۇش ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانىنى كۆردى، يېڭى تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىرلىق مەركىزى، «بۇلۇت گېزىتى» ئېكرانى خىزمەت ئىشخانىسى، ئاقسۇ گېزىتخانىسى تۇرمۇشقا قولايلىق سودا دۇكىنى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، 1 ـ سەپتىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ،   كۆپچىلىكنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە ـ ئېتقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە گېزىتىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

دوۋ ۋەنگۇي ئىككى ئاخبارات ئورنىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتى ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ـ  ئۈنۈمىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئارقىدىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، دوۋ ۋەنگۇي ئاقسۇ گېزىتخانىسى، ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىدىن بەرگەن دوكلاتى ۋە خىزمەتلەردە ساقلانغان قىيىنچىلىقىنى ئاڭلىدى. دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات تاراتقۇلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە خەلقنىڭ ساداسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى تارقىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ ئورۇن بەلگىلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنى تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچىلىكىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش، ئىستانسا باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، كوردىناتنى توغرا تېپىپ ئورۇن بەلگىلەپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە ساقلاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاقسۇ گېزىتخانىسى، ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاممىۋى پىكىر بازىسى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ۋىلايىتىمىز ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، خەۋەر قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاشتەك قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مۇخبىر، مۇھەررىرلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي تەربىيە ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى چىڭىتىپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى بىر تۈركۈم مۇخبىر، مۇھەررىرلەر قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگە، تىپىك نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەشكە ئاقسۇ تۆھپىسىنى قوشۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئىشلەش، نەتىجە يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشى كېرەك. تۈزۈلمە، مېخانىزم ئسىلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى ئارقىلىق 1 ـ سەپتىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىشى لازىم. ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئەھۋاللارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، رەزىللىككە لەنەت ئوقۇپ، ناچار ئەھۋاللارنى پاش قىلىپ، تەنقىد خاراكتېرلىك خەۋەرنى ئېلان قىلغاندا پاكىتنىڭ توغرا، تەھلىلنىڭ ئوبيېكتىپ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەتتە پارتىيەگە ئىنتىلىپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دېڭ شۈەنبىن، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى تاڭ جيەنفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش