ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

نىياز ھاشىم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
«ئالتە تىپ»لىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-14 13:47:14

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، ئەدلىيە ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى، تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتە تىپ»لىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولغان مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك.

 نىياز ھاشىم ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسىنى «ئالتە تىپ»لىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشتە دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتا ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە بوشاشماسلىق، مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلمىغۇچە قويىۋەتمەسلىك، ئامما ئېتىراپ قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق كېرەك.

نىياز ھاشىم ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئىدارىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى توغرا ئىگىلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى ئورۇن بولۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، نىياز ھاشىم ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ،      ئاقسۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نىياز ھاشىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «ئالتە تىپ»لىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتە تىپ»لىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش