ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ ياخشى مېۋىزارلىقى» بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيلى
ــ 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسىنىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-14 13:44:45

«ئاقسۇ گېزىتى» ئوبزورچىسى

ئالتۇن كۈزدە كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېسىل مېۋىلەر بىلەن ئەزىز مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى. 6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ئاقسۇ قۇمتام يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ئوبوروت باغچىسىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن يەرمەنكىگە قاتناشقىلى كەلگەن سودىگەرلەر ئاقسۇ شەھىرىگە جەم بولۇپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى سودا يىغىلىشىغا قاتناشتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز!

2014 ـ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى ئاقسۇنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، ئاقسۇنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ چىڭ تۇتتى. ئۇدا بەش نۆۋەت شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئاقسۇنىڭ داڭقى ۋە  تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ،       شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتى، ھەتتا مەملىكىتىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرىدىغان كارخانىلار يىلسېرى ئېشىپ، ئاقسۇنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇنىڭ «جۇڭگونىڭ ياخشى مېۋىزارلىقى»نى كۈچەپ بەرپا قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئاقسۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، ئىككى دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، رايون ئورنى ئۆزگىچە، تەبىئىي ئەۋزەللىكى كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى، دۆلەتنىڭ نېفىت، گاز بايلىقىدىكى مۇھىم ئىزباسار ئورنى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ۋە تيانشان تېغىدىكى قار سۇلىرى ئاقسۇنىڭ مېۋىلىرىنى ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك مېۋىلىرىنىڭ ئېتى يۇمران، تەمى ساپ، ئوزۇقلۇقى مول، يېشىل ھەم بىخەتەر. ئاقسۇنىڭ «جۇڭگو چىلانزارلىقى»، «جۇڭگو كىشمىش ئۆرۈك ماكانى»، «جۇڭگو خۇڭفۇشى ئالمىسى ماكانى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئاقسۇنىڭ چىلىنى، ياڭىقى، بىڭتاڭشىن ئالمىسى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرى 2008 ـ يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بېكىتىلگەن مېۋە بولۇپ تاللانغان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ دۆلەت، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن «ئەڭ ياخشى بازارلىق مەھسۇلات مۇكاپاتى»، «جۇڭخۇانىڭ داڭلىق مېۋىسى»، «جۇڭگو بازىرىدىكى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان مەھسۇلات» بولۇپ باھالانغان.

نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىق كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭدىن مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 4 مىليون 190 مىڭ موغا، مېۋە مەھسۇلاتى 2 مىليون 440 مىڭ توننىغا يەتتى، مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىقتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئومۇمىي كىرىمنىڭ %30 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، باغ ـ ئورمانچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تىللا دەرىخى»، «بەخت دەرىخى»گە ئايلاندى.

ئاقسۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى قويۇق بولۇپ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت مۇشۇ جايدا بىرىككەن، شەرق ـ غەرب مەدەنىيىتى مۇشۇ جايدا يۇغۇرۇلغان، ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى خەن، تاڭ مەدەنىيىتى، غەربىي رايون مەدەنىيىتىنى ھىندىستان مەدەنىيىتى، پارس مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دولان مەدەنىيىتى ۋە كۈسەن مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتى، دۆلىتىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەر بەس ـ بەستە ئاقسۇغا سەيلى ـ ساياھەتكە كېلىپ، ئاقسۇنىڭ ھەقىقىي  بىڭتاڭشىن خۇڭفۇشى ئالمىسى، ئاقسۇ ياڭىقى، ئاقسۇ چىلىنى قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ، قىزىل مىڭ ئۆيى، خەن دەۋردىكى تۇرا، قەدىمكى مېتال تاۋلاش خارابىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، سەنەم، مەشرەپ ۋە دولان ناخشا ـ ئۇسسۇلى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت، كەيپىياتتىن مەستخۇش بولدى.

6 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز!


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش