ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئۆزىمىزنى بېغىشلايمىز
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2019-10-09 13:27:00

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ئۇلۇغ نەتىجە كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ مۇساپىگە يېتەكلەيدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقىتام يېزىسى باغۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىكى يۆنىلىش ۋە كۈچ مەنبەسى. «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەيمەن!

 ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى لى شىنيەن مۇنداق دېدى: ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى! ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ! ياشىسۇن  ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى ! باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. يېڭى دەۋردىكى خەلق سوتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، زېھىن ـ كۈچنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيەلىك دېلودىن ھەققانىيلىق، ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرىمەن!

ۋىلايەتلىك مىللەت، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ جۈنجېن مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى نەچچە يۈز مىليون خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىپ قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت چوڭ ئائىلە، ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت بولمىسا نەدىمۇ ئائىلە بولسۇن، مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن، چوقۇم ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىمەن. مىللەت، دىن ئىشلىرى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزۈمدىن باشلاپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئەمەلىيەتچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن.

بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى توپقان كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى يىغىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى كۆردى. كەنت ئاھالىسى ئەركىن تۇنىياز ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن روھلاندىم. ئىلگىرى تۇرمۇش شارائىتىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ھازىر كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرىمىز.

كۇچا ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۇجىسى جوۋ ۋېيپىڭ بۇ يىل «مەملىكەت بويىچە ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، ئۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى !ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى ! ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى !» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندا كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم ۋە ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم. خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە پەخىرلەندىم، مەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەرلىكنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش