ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئالقىش ياڭرىتىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش مەدھىيەلەندى
ــ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ناھىيەلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-10-09 13:23:44

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى ھەم يەلكىسىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ جاپالىق كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

ئاۋات ناھىيەسىدە:

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى كادىر، ئامما رادىيو، تېلېۋىزور، تور قاتارلىقلاردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، پارات ۋە ئامما نامايىشى قاتارلىقلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

ئايباغ يېزىسىنىڭ بەخت كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىكىم مەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگونىڭ بۈگۈنى 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا» دېگەم سۆزىنى ئاڭلىغاندا بەك ھاياجانلاندىم، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.

«چوڭ بولسام، تېلېۋىزوردىكى تاغامغا ئوخشاش تانكا ھەيدەيمەن!». بۇ، ئايباغ يېزىسى بەخت كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئوسمان تۇرەكنىڭ تېلېۋىزوردىن تانكا چاسا ئەترىتىنى كۆرگەندە دېگەن يۈرەك سۆزى. بەخت كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى زەينەپ ھوشۇر مۇنداق دېدى: قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ ھىمايىسى ۋە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئونسۇ ناھىيەسىدە:

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى يېزا (بازار)، ئورۇنلاردىكى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ  70يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، پارات ۋە ئامما نامايىشى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە گۈللەنگەنلىكىنى ئورتاق ھېس قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى، بېيىپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئونسۇ بازىرى يېڭىبۇلاق مەھەللىسىنىڭ يىغىن زالىدا، مەھەللە ئاھالىلىرى تېلېۋىزوردىن تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى، چاسا ئەترەت رەتلىك، مەزمۇت قەدەم بىلەن تېلېۋىزور ئېكرانىدا پەيدا بولغاندا، كۆپچىلىك ھاياجانلانغىنىدىن قوللىرىدىكى بايراقنى پۇلاڭلىتىپ يۇقىرى ئاۋازدا «ياخشى» دەپ ۋارقىرىدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ قېتىملىق پاراتنى كۆرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ھەسسىلەپ ئىپتىخارلاندۇق ۋە پەخىرلەندۇق.

ئونسۇ بازارلىق پارتكومنىڭ ھەيئىتى، تەشۋىقات كادىرى قۇربانجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىمەن.

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭىچە قوراللار، ھەيۋەتلىك ھاۋا ئارمىيەسى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى نۆۋەت بويىچە تېلېۋىزور ئېكرانىدا پەيدا بولغاندا، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى سېسترلار ھاياجانلانغان ھالدا پاراتتىن ئۆتكەنلەرنىڭ سەرخىل كۆرۈنۈشلىرىگە ئالقىش ياڭراتتى.

بۇ دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ئاينۇر تۇردى مۇنداق دېدى: داۋالاش ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنۇمنى مەۋقە قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

شايار ناھىيەسىدە:

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تېلېۋىزور، تور قاتارلىقلاردىن  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئالقىش ياڭراتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شايار ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى پاراتنى كۆردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كادىرى با چۈنيەن مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم، دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز خىزمىتىمنى مەۋقە قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىمەن.

ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىرلار يانتاقشەھەر يېزىسىنىڭ يېڭىيەر كەنتىدىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆردى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لياۋ بورۈي مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىقىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

شايار بازىرى جىڭپاڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ماھىرە ئېزىز مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرۈپ ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز تەدرىجىي قۇدرەت تاپتى، خەلق بارغانسېرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشىنى تىلەيمەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە:

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بېيجىڭ تىيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 230 مىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى.

تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان بازىرى تۇمشۇقتاغ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ۋۇ شىجاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پاراتنى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم، جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تىرىشىپ پەن ـ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

ئاچىتاغ يېزىسىنىڭ توقسۇنتېتىر كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سەمەت مەمتاۋلا مۇنداق دېدى: تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، نەچچە كۈنگىچە ھاياجانلىنىپ يۈردۈم، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىسىدىكى چېگرا مۇھاپىزەتچىسى نىياز توختى ئۆيىدىكى تېلېۋىزوردىن كۆزىنى ئۈزمەي تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەت بولمىسا ئائىلە بولمايدۇ، پارات ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتى جەريانىدا، مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ تولۇق ئادا قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەربىر پارچە تۇپرىقىنى ياخشى قوغداپ، ۋەتىنىمىز چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

باي ناھىيەسىدە:

يېقىندىن بۇيان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قاراشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلىگەن بولۇپ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، پارات ئىنتايىن داغدۇغىلىق ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىزنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى.

ياقىئېرىق بازارلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ما چاۋجيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭخۇا پەرزەنتى، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەت ئىقتىدارىم ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ياقىئېرىق بازىرىنىڭ لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى ۋېي مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرۈپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭەمنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىمەن.

توقسۇ ناھىيەسىدە:

توقسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى پاراتنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

ئۈچقات يېزىسىنىڭ خوجاتۇرۇس كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەسقەر قاسىم پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىپتىخارلىنىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ھەسسىلەپ تىرىشىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تىنچ ـ ئامان، ئىناق، باي ـ باياشات، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

تامتوغراق يېزىسىنىڭ كادىرى چاڭ لەنلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقراسى، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىنى كۆرۈپ چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ۋە پەخىرلەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن غايە ـ ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

تامتوغراق يېزىسى چولاقشەھەر كەنتىنىڭ كادىرى مەڭلىك قۇربان مۇنداق دېدى: پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ روناق تېپىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن پارتىيەگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى مەدھىيەلەيمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش