ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك پارتكوم 34 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقىلدى
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-10-09 13:18:30

دوۋ ۋەنگۇي رىياسەتچىلىك قىلدى
    ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكوم بۇ يىل 34 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ۋىلايەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك باغ ـ ئورمانچىلىق سۇغۇرتىسى بويىچە مۇكاپات ـ تولۇقلىمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونىدىكى ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى» قاتارلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار قارالمىغا قاراپ چىقىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىلانى،         ۋىلايىتىمىزنىڭ بۇ يىل 3 ـ پەسىللىك نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، دۆلەت يولى 314 ـ لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇدىن ئۆتۈدىغان بۆلىكى تۈرى (جەنۇبىي تاشقى ئايلانما)نىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالاقىدار ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا تۈرى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرىنى ئېنىق بېكىتتى. بۇ قارالمىغا قاراپ چىققاندا، دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا كاپالەتلىك قىلىش رولىغا ئىگە، شۇڭا فۇنكسىيەلىك تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىجارەت، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك.

ۋىلايەت «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايىتىمىزدىكى ئورۇنلار ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، لايىھەنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن ـ ئاخىر پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەتقىقات ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە دائىرىسىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن. ۋاقىت تۈگۈنى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت پىكىر يولىنى رەتلەپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل جانلىق شەكىلدە پارتىيەلىك كادىرلارنى ۋاقىت تۈگۈنى بويىچە باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، پۇختا پوزىتسىيە، قاتتىق ئىستىل ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىدىيە، كۆز قارىشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. بايلىقنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. نازارەتچىلىك سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە قول ئۇزارتىشتەك بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن نىياز ھاشىم، ليۇ باۋشېڭ، گاۋ كېپىڭ، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، دېڭ شۈەنبىن، ليۇ خۇڭجۈن، ۋۇ داڭ، ۋاڭ شۆدۇڭ، ماڭ گوچياڭ، دۇ مىڭ، مەھەمەت ساۋۇت، خې شياۋدۇڭ، لياڭ فېڭيۈەن، ئېزىز مەتنىياز، جيا جىڭلېي، گو چىجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش