ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

كەشتىچى ئايال تۆت يىلدا «چىڭمىڭدىكى قايناق بازار» ناملىق رەسىمنى كەشتىلەپ چىقتى
«ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئىناقلىقىنى تىلەيمەن»
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2019-10-09 13:13:53

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى بوقىچى كەنتىدىكى كەشتىچى سائادەتگۈل تۆت يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى «چىڭمىڭدىكى قايناق بازار» ناملىق رەسىمنى كەشتىلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ  70يىللىقىغا سوۋغا قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ كەشتە بۇيۇمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى 80 سانتىمېتىر بولۇپ، كەشتىگە 805 ئادەمنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. سائادەتگۈل 2015 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەشتىلەشنى باشلىغان بولۇپ، كېلىنى، قىزى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە تۆت يىلدا ئاران پۈتكۈزگەن.

سائادەتگۈل مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلاندى. مەن بۇ كەشتە ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق ـ ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تىلىكىمنى ئىپادىلىدىم.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش