ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتتى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2019-10-09 12:53:58


     ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، باي قىزىل تاش كېمىرى، كۇچا سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، كۇچا قىزىل قاغاتۇراسى قاتارلىق دۇنيا مىراسلىرى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. باي ناھىيەسىدىكى ساياھەت رايونلىرىغا زور تۈركۈمدە ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى جايىغا ئايلاندى.

باي قىزىل تاش كېمىرىدە، خۇنەنلىك ساياھەتچى ياڭ چاڭدې مۇنداق دېدى: تاش كېمىر بەك مۇكەممەل ساقلىنىپتۇ. ھازىر ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپتى، بىز مەدەنىيەت بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ قىزىل تاش كېمىرى كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتى ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەتچىلىك گۈللەنگەن پەسىل، ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچى 1000 دىن ئاشىدۇ. بىز تەييارلىق لايىھەسىنى ياخشى قىلىپ، ھەممەيلەننى سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تاش كېمىر سەنئىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن كېلىپ، رازىمەنلىك بىلەن قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

كۇچا سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدە، شياڭگاڭلىق ساياھەتچى ما شىپىڭ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، تارىخىي مەدەنىيىتى چوڭقۇر، بىز يولبويى نۇرغۇن مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، يەندى، خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق.

كۇچا سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە قارايدىغان جاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ. بىز مەنزىرە رايونى ئىچىگە خەلققە قولايلىق تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا قولايلىق ياراتتۇق.

كۇچا قىزىل قاغاتۇراسىدا، ساياھەتچىلەر بەس ـ بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. خېنەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ شياۋشياۋ مۇنداق دېدى: كۇچا قىزىل قاغاتۇراسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن كارتىنىسى، بۇ يەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ۋەتىنىمىزگە، شىنجاڭغا ئالقىش ياڭراتتۇق.

كۈز پەسلىدە، باي ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساياھەت رايونلىرى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

بايرامنىڭ تۇنجى كۈنى باي ناھىيەسىدىكى تېرەك ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئېچىلىپ بىر سائەت بولمايلا، ساياھەتچىلەر 300 دىن ئاشتى. مەنزىرە رايونى زاپاس كۆلچەك تەييارلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

باي ناھىيەسىدىكى كانچى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، سەيلە ـ ساياھەت قىلىدىغانلار، ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار كۆپ ئىدى. مەنزىرە رايونى خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: سائەت 12:00 بولمايلا، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچى 5000 دىن ئاشتى.

مەنزىرە رايونىدا راڭپىزا ساتىدىغان گۈلنۇر مونىياز مۇنداق دېدى: بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچى يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 400 كىشىلىك لەڭپۇڭ، 500 زىخ كاۋاپ تەييارلىغان ئىدىم، يېرىم كۈندىلا سېتىپ بولدۇم، ئەتە كۆپرەك تەييارلايمەن.

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ساياھەت يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ ۋېلىسىپىت مىنگەنلەر كۆپ بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندى. كۇچا ناھىيەسى شىمالىي تاغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى خۇ بو مۇنداق دېدى: سائەت 10:00 دىن باشلاپ ۋېلىسىپىت مىنىپ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدىكى چوڭ ـ كىچىك كۆلگە كەلگەن ساياھەتچى 400 دىن ئاشتى.

گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى خې جيا مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا، دوستلىرىم بىلەن مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ۋېلىسىپىتلىق ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىشىنى ئۈمىد قىلدۇق.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش