ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت رەھبەرلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-10-01 17:36:40

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، ۋىلايەتتىكى تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ناھىيە (شەھەر)لەرگە بېرىپ، قەھرىمانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئارام ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە بايراملىق ھال سورىدى.

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما گوچياڭ، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى تاڭ جيەنفېڭ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جۇڭۋېي قاتارلىقلار قەھرىماننىڭ ئائىلە تەۋەسى قەلبىنۇر نىياز، پېنسىيەگە چىققان كادىر ياڭ جىلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنى يوقلىدى.

قەلبىنۇر نىياز ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: يولداش مەمەتجان توختىنىياز ھاياتىنى رەزىللىكنى تۈگىتىپ ياخشىلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك ج خ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھاياتى ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. «دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، سىزنىڭ ساغلام بولۇپ، بەختلىك ئۆتۈشىڭىزنى تىلەيمەن». پېنسىيەگە چىققان كادىر ياڭ جىلىنىڭ ئۆيىدە، دوۋ ۋەنگۇي بوۋاينىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلار جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تۆھپىكارلىرى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى پېشقەدەملەرنىڭ  بەدەل تۆلىشى ۋە كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەنتەنىلىك بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، مەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم، سىزنىڭ ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىش ئەۋزەللىكىڭىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك قىممەتلىك پىكىر بېرىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم ئارام ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن كادىرلارنى يوقلاپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرى ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئارام ئېلىشقا چىققان كادىر خۇاڭ گوجۇنىڭ ئۆيىدە، نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلىرىمىز سىلەرنىڭ قۇربان بولۇشتىن قورقماي، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشىڭلار ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرگە سىلەردەك پېشقەدەملەرنىڭ يۈرەك ـ قېنىڭلار ۋە قان ـ تەرىڭلار مۇجەسسەملەنگەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز سىلەرنىڭ تۆھپەڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋشېڭ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەمەرجان ئاۋۇت قاتارلىقلار كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى يېڭىمەھەللە مەھەللىسىگە بېرىپ، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سائادەتخان ھامىدىننى يوقلاپ، بايراملىق ھال سورىدى، ئۇنىڭ خىزمەتتە خالىس تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنىڭ تۆھپە قوشۇش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا داۋاملىق دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ كېپىڭ، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ پېيخۇەن قاتارلىقلار ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى ئەمەر ئىمىن ۋە ئارام ئېلىشقا چىققان كادىر ۋاڭ زىدۇڭنى يوقلاپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلەپ، سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئاخىرقى قىزغىنلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا ئەقىل ـ چارە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە تەلپۈنۈشكە يېتەكلەشنى تاپىلىدى.

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن،  ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن قاتارلىقلار ئاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ،  ۋىلايەتتىكى تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن پېنسىيەگە چىققان كادىر ۋېن بىننى يوقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، ھال ـ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇنىڭ ئاخىرقى قىزغىنلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەقىل ـ چارە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر مۆمىن، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى كاڭ جۈ قاتارلىقلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قاتارئۈجمە كەنتىگە بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلە تەۋەسى توختى يۈسۈپ(قەھرىمان سائادەتقىز توختىنىڭ دادىسى)نى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭدىن سەمىمي ھال سورىدى.

شۇ كۈنى، ئەنۋەر مۆمىن يەنە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى قىزىلكۆۋرۈك ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىر شۆ جىيىنى يوقلاپ، بوۋاينىڭ بەختلىك، خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ، 29 ـ كۈنلىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دېڭ شۈەنبىن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسىي، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېزىز مەتنىياز، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو جۈن قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شايار ناھىيەسىدىكى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئائىلە تەۋەسى ھەبىبەم راخمان، ئارام ئېلىشقا چىققان كادىر خۇا ليېنى يوقلىدى، ئاقسۇ شەھىرىدە ئارام ئېلىشقا چىققان كادىر ۋاڭ شوۋيۈەن ۋە ۋاڭ لىنى يوقلاپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، دۆلەت بايرىمىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈن قاتارلىقلار پېنسىيەگە چىققان كادىر ۋاڭ بېنجيەننى يوقلاپ، بوۋاينىڭ تۇرمۇش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئۆتۈشىنى تىلىدى.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ داڭ قاتارلىقلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرى ئارامەھەللە كەنتىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان مەمەت تۇراپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شۆدۇڭ قاتارلىقلار باي ناھىيەسىگە بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلە تەۋەسى گۈلباھار ئىبرايىمنى يوقلىدى. 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ۋاڭ شۆدۇڭ ۋە ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ يەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئارام ئېلىشقا چىققان كادىر ليۇ گۈيلىننى يوقلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن دۇ مىڭ، مەمەت ساۋۇت، خې شياۋدۇڭ، لياڭ فېڭيۈەن، جيا جىڭلېي، چاڭ يۈشۈەن، كۇڭ جىيۇڭ،  گو چىجۈن، كامىل سەمەت، ئەمەرجان ئاۋۇت قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش