ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ «يېڭى تۇرالغۇ»سىغا ئايلاندى
ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسىدىن 46 سى سېلىنىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ % 88.5ى تاماملاندى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-09-11 18:17:12

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ئونسۇ تيانشان تومۇر چوققا نوشقا مەنزىرە رايونىدا، جياڭسۇلۇق ساياھەتچى جاۋ ئەيپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ، مېنىڭ كىگىز ئۆيدە تۇرۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، كەچتە يەنە گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرەلىدىم، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن.جاۋ ئەيپىڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل بۇرۇن ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن ئىدىم، بۇ قېتىم دوستلىرىم بىلەن شەخسىي ئاپتوموبىلىمىزدا كەلدۇق، پۇقراۋى قونالغۇدا تۇرۇپ، يەرلىك پۇقراۋى قونالغۇ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇق، يەنە گۈزەل تەبىئەتنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇق.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىدىكى «كۆۋرۈكبېشى ئىستىراھەت كەنتى»نىڭ خوجايىنى تاجىگۈل نۇر مۇنداق دېدى: دەسلەپتە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقاندا دەسمىينى قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ مېنىڭ پۇقراۋى قونالغۇمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھازىر ئايدا 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىمەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت ساياھەت خىزمىتىنى يەككە تۈر بويىچە سىناش ـ مۇكاپاتلاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، ئىككى راۋان بولماسلىق» ئەھۋالى ۋە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزدى ھەمدە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ساياھەت ھاجەتخانىسى، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ مەنزىرە رايونىدا بولۇشى، ساياھەت مەنزىرە رايونى يولى ۋە سەيلە قىلىش كۆكەرتىش يولى، ئالتۇن ساياھەت قىزىق لىنىيەسى، سەھرا ساياھىتى نۇقتىسى، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر) لەردە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشقا كۈچىدى.

مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە - رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019 ـ يىلى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشى سەككىز ناھىيە (شەھەر)نى قاپلىغان، جەمئىي 52 جايدا 1001 ئېغىز، 2311 كارۋاتلىق پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇش پىلانلىنىپ، 965 ئېغىز، 2268 كارۋاتلىق پۇقراۋى قونالغۇ پۈتۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ %96.4 ىنى تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 213 ئېغىز،  794 كارۋاتلىق پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەت سالاھىيىتى (سىناق تىجارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئېرىشكەن.

1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى 7980 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 663 مىڭ 600 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 141 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 52 ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى سېلىش ۋەزىپىسىنىڭ 46 سى پۈتۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ % 88.5ى تاماملاندى. ئاپتونوم رايون  ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى سېلىش ياردەم مەبلىغىدىن 5 مىليون 800 مىڭ يۈەن، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى قۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن 432 مىڭ 500 يۈەن  ئاجراتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش