ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا كارخانىلارنىڭ جەمئىي998 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي يۈكى يېنىكلىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-22 18:30:30

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت تۈرلۈك باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، كارخانىلارنىڭ جەمئىي 314 مىليون يۈەن باج يۈكىنى يېنىكلىتىپ، توك ئىسلاھاتى سىياسىتى بويىچە توك باھاسى پايدىسىنى 684 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىي 998 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت دۆلەت، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى ماھىيەتلىك كېمەيتىش، شۇنداقلا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى، كىچىك، مىكرو قۇرۇلۇش ـ قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق پۇقراۋى كارخانىلارغا ئاساسلىق چېتىلىدىغان باج ئېلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. 1  ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا چېتىلىدىغان باج نىسبىتى كېمەيتىش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش بويىچە كېمەيتىلگەن ھەق جەمئىي 73 مىليون 978 مىڭ 900 يۈەن بولۇپ، باج ئېلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان كىچىك، مىكرو كارخانا 1604 كە، ھەربىر كارخانىنىڭ ئوتتۇرىچە كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان باج سوممىسى 36 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، سىياسەتتىن نەپكە ئېرىشىش دائىرىسى %100 بولدى. «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش سىياسىتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان» ئىككى كارخانىغا قارىتا،      ئىشلەپچقىرىشتىن توختىغان كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ئۆي ـ مۈلۈك بېجى، شەھەر، بازار يەر ئىشلىتىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى. «تۈركۈملەپ ئىشلەپچقىرىلىدىغان تاۋارلارنى ئامباردا ساقلاش ئۈچۈن يەر ئىجارىگە ئالغان» 12 ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىغا قارىتا، «تەۋەلىك يەرنىڭ دەرىجىسىدە باج سوممىسى ئۆلچىمىنىڭ %50 ى بويىچە ھېسابلاپ شەھەر، بازار يەر ئىشلىتىش بېجى ئېلىش» ئارقىلىق، جەمئىي 1 مىليون 509 مىڭ 400 يۈەن باج سوممىسىنى كەچۈرۈم قىلدى.

     چوڭ كۆلەمدىكى باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم تەدبىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىق نىشان تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە مەركەزلەشكەن. قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى قاتارلىق باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا سىياسەت «پايدىسى»نى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

     ۋىلايەت ئاپتونوم رايوننىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى توغرىسىدىكى باسقۇچلۇق ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 170 مىليون باج ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى. كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندى تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە، 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە ئالتە كارخانىنىڭ تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ ئەمەلىي كېمەيتىلگەن جۇغلانما سومما 837 مىڭ 900 يۈەنگە يەتتى. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى، تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 8 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. ۋىلايەت يەنە تۆۋەن توك باھاسى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىسلاھاتى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە 684 مىليون يۈەن پايدا يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە سودىغا قاتناشقان چوڭ ئابونت 63 كە يېتىپ، توك ئىشلىتىش تەننەرخى 293 مىليون يۈەن كېمەيدى؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىدە ھەربىر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسىنى 0.38 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىپ، ھەر كىلوۋات سائەت توكقا 0.03 يۈەن مالىيە تولۇقلىمىسى بەردى. 148 توك ئىشلەتكۈچىنىڭ 94 مىليون يۈەن توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، 16 مىليون يۈەن مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىي 111 مىليون يۈەن توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش