ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئۈلگىدىن كۈچ ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەيمىز
​جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-20 16:47:20

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغارلىق ئىش ـ ئىزلىرىدىن دوكلات  بېرىش يىغىنى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ، 16 ـ كۈنلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى، پېشقەدەم قەھرىماننىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئاددىي ـ ساددا بولۇپ، نام ـ ئەمەل قوغلاشمايدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىتى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يولداش جاڭ فۇچىڭ زامانىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ئۇنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسى ئاقسۇ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تىنچ ـ ئامان، ئىناق، باي ـ باياشات گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز. ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ ۋېنشىڭ مۇنداق دېدى: يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆھپسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، جان ـ دىلى بىلەن پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاممىغا بەخت ئېلىپ كەلگەن ئىش ـ ئىزلىرى كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. يەنە يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش، ئاددىي ـ ساددا بولۇش ئىستىلى ۋە پەزىلىتىنى ساقلاپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

ۋىلايەتلىك قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ چاڭكۈەن مۇنداق دېدى: يولداش جاڭ فۇچىڭ بىر ئۆمۈر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، نام ـ ئەمەل قوغلاشماي، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەردى. ئۇ، ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بىز قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 ـ شۇجىسى ئەركىن ئىلياس مۇنداق دېدى: مەن ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، نام ـ ئەمەل قوغلاشماي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىنى خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمىز.

جاڭ فۇچىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنىنىڭ ئىلگىرىكى ليەن ئەترىتىنىڭ سابىق جەڭچىسى بولۇپ، پۈتۈن تۈەندىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر قىزىل ئارمىيەنىڭ تومۇرداش ئىزباسار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى ۋە ئىپتىخارﻻندى، شۇنداقلا زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.

مۇشۇ تۈەن 4 ـ ليەنىنىڭ باشلىقى لۇ يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ بىزنىڭ قىسىمنىڭ كونا ئەسكىرى، مەن بۇ شەرەپلىك تارىخقا ئىگە قىسىمنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىمنى ئۆزگەرتمەي، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىش داۋامىدا كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

مۇشۇ تۈەننىڭ شان ـ شەرەپ ئۆيىدە، جاڭ فۇچىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملار تىزىقلىق بولۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر جاڭ فۇچىڭ بىلەن بىر ليەن ئەترىتىدە بولغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ. ليەن ئەترىتى يەنە «جاڭ فۇچىڭ بەنى» قۇرۇپ، جەڭچىلەرنى جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش مەڭگۈ زەربىدار ئەترەت ئەزاسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئەسكەر ياڭ بىن جاڭ فۇچىڭنىڭ بىر پارچە سىدام سىزما رەسىمىنى كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقىپ ۋە رامكىلاپ، جاڭ فۇچىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

مۇشۇ تۈەننىڭ جەڭچىسى ۋاڭ سۇڭياۋ مۇنداق دېدى: جاڭ فۇچىڭ مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىمەن. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاپ، ئىنتايىن چوڭقۇر تەسراتقا ئىگە بولدۇم. مەيلى قىسىمدا بولاي، ياكى كېيىن باشقا جايدا بولاي، ئۆز خىزمىتىمنى مەۋقە قىلىپ، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھى ۋە خالس تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتىنىڭ ئۆگىنىش ئۆيىدە، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرىنى ئۆگەندى، دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرى جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ئىش ـ ئىزلىرىنى سۆزلىگەندە، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئالدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتىنىڭ پەيجاڭى جۇڭ يى مۇنداق دېدى: ئىش ئورنى، سالاھىيىتى ئۆزگەرسىمۇ، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلققە بەخت ئاتا قىلىش خىسلىتى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرگىنى يوق. بىز يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا، ئۇرۇش مەزگىلىدە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىق، چوڭ ـ كىچىك ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا بوشاڭلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش، بىر ئۆمۈر پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئىشىنى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئادىمى بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، خىسلىتىمىزنى ئۆزگەرتمەي، كومپارتىيە ئەزالىرى، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى مەڭگۈ ساقلايمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش