ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت «مۇلازىمەت تىپىدىكى» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، «بېرىش، باشقۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق بىرلەشمە يىغىنى ئاچتى
ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-20 16:45:47

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايەت 8 ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى «مۇلازىمەت تىپىدىكى» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق بىرلەشمە يىغىنى ئاچتى.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ۋالىيسى لياڭ فېڭيۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق «مۇلازىمەت تىپىدىكى» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىدىكى ھەر قايسى كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ھەم 7 ـ ئايلىق ئۈنۈم ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئورۇنلار 58 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ۋىلايەت «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر توردا بېجىرىش، بىر ئىشىكتىن كىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كىنىشكىنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، «ئىككى ئىختىيارىي، بىر ئاشكارا بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «13345» مەخسۇس ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش»، «بىر شەھەردە ئوخشاش بېجىرىش»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. لېكىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قىسمەن ناھىيە (شەھەر)، يېزا ـ بازار (كوچا)لارنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى، كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ تۆۋەن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «يېزا ـ بازارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستا، يېزا ـ بازار ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت كۆزنىكىدە بىرلىككە كەلگەن كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ كەمچىل، باشقۇرۇش سۇبيېكتىنىڭ ئېنىق ئەمەس، كونكرېت ئەمەسلىكىنى، يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتتىكى ئورۇنلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، «ئالتە تىپلىق» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئالتە تىپلىق» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئالتە تىپلىق» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «ئالتە تىپلىق» ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان «مۇلازىمەت تىپىدىكى» ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى كۇڭ جىيۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت تۇردى يىغىنغا قاتناشتى، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىغا كىرگەن كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ناھىيە (شەھەر)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ھاكىم (شەھەر باشلىقى)، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش