ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دۇ ۋەنگۈي ئاقسۇ شەھىرىدە شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
​خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-19 16:57:09

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. نەق مەيداننى كۆردى، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىگىلىدى، تەدبىرلەرنى كېڭەشتى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ ۋەنگۈي 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يۈشىگۇ . لۇخۇ ئولتۇراق رايونى، لۇڭتەنخۇ باغچىسى تۈرى، خېنەن يولى بىلەن دوستلۇق يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىكى كوچا دوقمۇشى سەيلە باغچىسى، خېرۈن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ «تۆت گەۋدىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە كوچا دوقمۇشى يېشىللىق قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر قۇرۇلۇشى پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاقسۇ شەھىرىنى ھەقىقىي تۈردە «شەھەر ئورمان ئارىسىدا بولۇش، دەريا ـ ئۆستەڭ شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈش، ئادەم باغچىدەك مۇھىتتا ياشاش»تەك ئولتۇراقلىشىشقا، تىرىكچىلىك قىلىشقا باب كېلىدىغان مەدەنىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

دۇ ۋەنگۈي ھەربىر جايغا بارغاندا تەپسىلىي ئاڭلاپ، ئەستايىدىل كۆردى ھەمدە تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانىغا كىرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتتى، تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەمدە كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش پىكرى بەردى.

دۇ ۋەنگۈي يۈشىگۇ . لۇخۇ ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئولتۇراق رايونىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە پىلانى ئەھۋالى، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، ئۆي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار خاراكتېرلىك مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئولتۇراق رايوننى كۆكەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەمەلىي كۆرگەندىن كېيىن، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىرىنسىپ جەھەتتە بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مودىن كەم بولماسلىقى، قاتناشقا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن، چوڭ دەرۋازىسى ئاساسلىق يولغا ئۇدۇل ئېچىلماسلىقى كېرەك، ئىمارەت ئۇسلۇبىدا ئەنخۇي، سۇجۇ، بېيجىڭ ئۇسلۇبىنى يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن بىرلەشتۈرسەك بولىدۇ، جۇڭخۇا ئېلىمېنتىنىڭ كۆپخىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئولتۇراق رايوننى يېشىللاشتۇرۇشتا كۈن نۈرىنى توسىدىغان دەرەخلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك. دۇ ۋەنگۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىمارەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى، ئىمارەت مەدەنىيىتى تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. جۇڭگو 5000 يىللىق ئەنئەنىۋى ئىمارەت مەدەنىيىتىنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، ھازىرغىچە نۇرغۇن جايدا ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار قەدىمىي ئىمارەت ساقلانغان. بۇ ئەنئەنىۋى ئىمارەت مەدەنىيىتى ھازىرقى زامان جۇڭگو شەھەر، يېزا ئىمارەت ئىشلىرىنىڭ يىلتىزى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، شەھەر قۇرۇلۇشىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى نۆۋەتتىكى سەرخىل سەنئەت قاتارىدا پىلانلاپ، لايىھەلەپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېلېمېنتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شەھەر ئاھالىلىرىنى ئولتۇراقلىشىشقا، تىرىكچىلىك قىلىشقا باب كېلىدىغان مەدەنىي شەھەردە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ـــ دۇ ۋەنگۈي ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىش ئىدى. لۇڭتەن باغچىسى قۇرۇلۇش تۈرى ۋە كوچا دوقمۇشى يېشىللىقى، سەيلە باغچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۇ ۋەنگۈي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى يېشىللاشتۇرۇش، يېشىللىق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر باشقۇرۇشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىلان لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ـ لايىھەلەش بويىچە، شەھەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش؛ يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلۇش قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن شەھەر باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچ ئۈلۈش قۇرۇلۇش قىلىش، يەتتە ئۈلۈش باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارماقلار، ئورۇنلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى شەھەر باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

خېرۈن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا «تۆت گەۋدىنى بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دۇ ۋەنگۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى ئاھالىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدايدىغان، ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەل رايى قۇرۇلۇشى، شۇڭا تەپەككۈر يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇشىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئېھتىياجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەمەلىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئولتۇراق رايوننى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە خوجىلىقنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، دائىرىلەشتۈرۈش جەريانىدا ئەل رايىنى كۈزىتىپ، ئەلنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنداقلا خوجىلىق باشقۇرۇش خادىملىرىنى كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما گوچياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش